تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ

   □خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىرادىسىدىن قايتمايدىغان تارىخىي ۋەزىپىسى.

  دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە. 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «تەيۋەن مەسىلىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش ئىشلىرى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك پاكىت ۋە ھازىرقى ھالەتنى قايتا تەكىتلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئىنتىلىشتەك قەتئىي جاسارىتى ۋە كۈچلۈك ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى دەۋردە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مەيدانى ۋە سىياسىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتەك ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا تۈرتكە بولۇپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە تامامەن ئىقتىدارى بارلىقىنى بايان قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان مۇساپىسى، مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تەجرىبىلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تايانچى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەكسىگە قايتۇرۇشقا بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. بۇ، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەت نەزەرىيەسىدە ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغداپ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «تەيۋەن مەسىلىسى مىللەتنىڭ ئاجىزلىشىشى، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، جەزمەن مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ ھەل بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچىنىڭ سىجىل ئېشىشى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىككى قىرغاق ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلەپ، غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. ھازىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى، بىزنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئاساسىمىز تېخىمۇ پۇختىلاندى، ئىقتىدارىمىز تېخىمۇ زورايدى، بۇ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىگە جەزمەن كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ. بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، شۇنداقلا ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار.

  دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك تارىخىي پاكىت ۋە قانۇنىي پاكىتتىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، تەيۋەننىڭ ئەزەلدىن بىر دۆلەت ئەمەس بەلكى جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ھالبۇكى، بىر مەزگىلدىن بۇيان، تەيۋەن مىنجىنداڭ دائىرىلىرى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتتى، بەزى تاشقى كۈچلەر تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» بىلەن شۇغۇللىنىپ، جۇڭگونىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى. يېقىندا، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسى جۇڭگو تەرەپنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى ۋە كەسكىن سۆزلىشىشىگە قارىماي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشى بىلەن، تەپتارتماي جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىغا تىمىسقىلاپ باردى. بۇ خىل ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلىش قىلمىشى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق، بۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ بولۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ يەتكۈزدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا بىر قاتار كۈچلۈك چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا كۈچلۈك زەربە بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەققانىي كۈچلەرنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. پاكىت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، خەلق رايىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىش تارىخ چاقى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، بۇنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ. «چەت ئەللىكلەرگە تايىنىپ مۇستەقىل بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش»نىڭ چىقىش يولى يوق، «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ.

  تەيۋەننىڭ ئىستىقبالى دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە باغلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتى مىللەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مىللەتنىڭ گۈللىنىش يېڭى مۇساپىسىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تىنچ بىرلىككە كېلىش، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى، يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكى ۋە سىرتنىڭ ئارىلىشىش سۇيىقەستىنى قەتئىي بىتچىت قىلىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدۇ. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» بويىچە ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە يېڭى ئاساس سالىدۇ، تەيۋەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا غايەت زور پۇرسەت يارىتىدۇ، كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ يەنە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

  دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىدىكى تارىخىي مۇقەررەرلىك. بىز تىنچ بىرلىككە كېلىش ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق يارىتىشنى خالايمىز، لېكىن ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ھەرگىز ھېچقانداق بوشلۇق قالدۇرمايمىز. تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي ھېسسىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، ھەرقانداق سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بىز ئىشىنىمىزكى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلساقلا، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكى ۋە ھەرقانداق سىرتنىڭ ئارىلىشىش سۇيىقەستىنى چوقۇم بىتچىت قىلالايمىز، چوقۇم ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز. ۋەتەننى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، شۇنداقلا چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.