تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

مېۋىنى سىقىپ شەربىتىنى چىقىرىپ ئىچىش، ئەمەلىيەتتە ئىلمىي ئەمەس

  پىتنە- ئىغۋا

  مېۋە سىقىپ شەربەت چىقارسا، ئۇنىڭ جەۋھىرىنى ئالغان بولىدۇ، ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

  ھەقىقىي ئەھۋال

  مېۋىنى سىقىپ شەربىتىنى چىقارسا، ھەم ئوزۇقلۇققا زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەم سالامەتلىككە پايدىسىز.

  بەزىلەر مېۋە يېمەسلىكىم مېۋىنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىمدىن ئەمەس، بەلكى ئاۋارىچىلىكتىن قورققانلىقىمدىن دەيدۇ! دەرۋەقە، بەزى مېۋىلەرنىڭ شۆپۈكىنى سويۇشقا توغرا كېلىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ، يەنە بەزىلىرىنى پارچە- پارچە قىلىپ توغرىغاندا ئاندىن يېيىشكە ئەپلىك بولىدۇ... بۇنداق قىلغاندىن كۆرە، بىۋاسىتە مېۋە سىقىش ماشىنىسىغا سېلىپ، «غوڭ» قىلىپ بىر ئايلاندۇرۇۋەتسىلا، دەرھال ئىستاكانغا قۇيۇپ ئىچىشكە بولىدۇ.

  لېكىن، قارىماققا قولايلىق بۇنداق ئۇسۇل سالامەتلىككە پايدىسىز.

  ئالدى بىلەن، مېۋىنى سىقىپ شەربىتىنى چىقىرىش جەريانىدا مېۋە تەركىبىدىكى ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بىر قىسىم ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى، مەسىلەن، ۋىتامىن C، يېمەكلىك تالاسى قاتارلىقلار بەلگىلىك مىقداردا زىيانغا ئۇچرايدۇ.

  ئۇنىڭدىن قالسا، يەنە مۇنداق بىر مەسىلە بار: «مەن بىر ئىستاكان شەربەتلا ئىچتىم» دېسە، ناھايىتى ئازدەك ئاڭلىنىدۇ، لېكىن مۇشۇنچىلىك شەربەت سىقىپ چىقىرىش ئۈچۈن، بىر قانچە تال مېۋە سەرپ بولىدۇ، بىر تال مېۋە يېگەنگە قارىغاندا نورمىدىن سىرت يەنە نۇرغۇن قەنت قوبۇل قىلىۋالىدۇ.

  ئەڭ ئاخىرىدا، سۈرئەت مەسىلىسى. بىر مېۋىنى بىر چىشلەم، بىر چىشلەمدىن يەيمىز، بەلكىم بىر نەچچە مىنۇتتا ئاندىن يەپ بولۇشىمىز مۇمكىن، سىقىپ شەربەت چىقارساق، بىر قوۋۇزدىلا ئىچىۋەتكىلى بولىدۇ. بۇنداق قىسقا ۋاقىتتا بىرقەدەر كۆپ قەنتنى قوبۇل قىلىش قان قەنتىنى كونترول قىلىشقا پايدىسىز، بولۇپمۇ دىيابېت ئاغرىقلىرىنىڭ مېۋىنى سىقىپ شەربىتىنى چىقىرىپ ئىچىشى تېخىمۇ تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

  پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.