تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

گۇاڭشىدا ئادەم قۇتقۇزغان شىنجاڭلىق تۆت يىگىت «كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گەن شىڭخۇا خەۋەر قىلىدۇ): «شىنجاڭلىق قېرىنداشلار ھەقىقەتەن باتۇر ئىكەن، ياخشى كىشىلەر بىر ئۆمۈر ئامان بولسۇن!» «بەك تەسىرلەندىم، ليۇجوۋ شەھىرىدىكى شىنجاڭلىق يىگىتلەر ئادەم قۇتقۇزۇپلا قالماي، يەنە يارىلانغۇىلارغا پۇل ئىئانە قىپتۇ، ئۇلارنىڭ قەلبى ناھايىتى گۈزەل ئىكەن» ... ئەنۋەر ئۆمەر، مەمەتجان ئۆمەرجان، مەمەتروزى ئەخەت، شۈ جاۋلياڭ قاتارلىق شىنجاڭلىق تۆت يىگىتنىڭ قويۇق ئىس، كۈچلۈك يالقۇنغا قارىماي، بىر ھاياتلىقنى قۇتقۇزغانلىقىنى، يەنە يارىلانغۇچىلارنى يوقلىغان ھەم ئۇلارغا پۇل ئىئانە قىلغانلىقىدەك ياخشى ئىشى نۇرغۇن تورداشنى تەسىرلەندۈردى. ئالىبابا «كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە» ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى، نەنگو جىنباۋ گېزىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارغا «كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئالاھىدە مۇكاپاتى» ھەمدە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ بەردى.
    8-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، G75 لەنجوۋ-خەيكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا (گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى خېچى شەھىرى دۇئەن ياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى دىسۇ بازىرى يول بۆلىكى) كېتىۋاتقان بىر پىكاپ ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئارقىدىن ئوت ئېلىپ پارتلاپ كۆيۈشكە باشلىدى. بۇ يول بۆلىكىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەنۋەر ئۆمەر، شۈ جاۋلياڭ، مەمەتروزى ئەخەت، مەمەتجان ئۆمەرجان قاتارلىق تۆت كىشى دەرھال قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشكە ئاتلاندى، ئالدى بىلەن ھادىسە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىلدىن ئۆزى ئۆمىلەپ چىقىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى تەرىپىدە يىقىلىپ چۈشكەن بىر كىشىنى سالقىن جايغا يۈدۈپ ئاپىرىپ قويدى، ئارقىدىن يەنە ئوت كەتكەن پىكاپتا قاپسىلىپ قالغان بىر كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. بۇ ئىككى كۈندە، ھادىسىدىكى يارىلانغۇچىلار ئۈچۈن داۋالىنىش خىراجىتى توپلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان مەمەتجان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يەنە ھەققانىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇلارغا 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى ھەم گۇاڭشى تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى.
ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى نۇرغۇن تورداشنى تەسىرلەندۈردى، قىزغىن تورداشلار مەمەتجاننىڭ ليۇجوۋ شەھىرىنىڭ شىمالىي رايونى بېيچۆ 41-نومۇرلۇق جياڭجىڭيى مەززىلىك تائاملار شەھەرچىسىدە دوستلىرى بىلەن شېرىكلىشىپ «شىنجاڭچە تەم» ئاشخانىسى ئاچقانلىقىنى، ليۇبېي رايونى شۇيشيې خۇادۇدا «مەمەتجان ۋېيشى كاۋاپخانىسى» ئاچقانلىقىنى، ئەنۋەرنىڭ بىر «خوتەن كاۋاپخانىسى» ئاچقانلىقىنى بايقىدى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن تورداش نامىنى ئاڭلاپ ئاشخانىغا باردى.
ئەستايىدىل تورداشلار ئادەم قۇتقۇزغان چاغدا مەمەتروزى ئەخەتنىڭ كۆيۈپ كەتكەن پىكاپنىڭ تۇيۇقسىز پارتلىشىدىن سىلكىنىپ يەرگە يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى، بىلىكىنىڭ كۆيۈپ يارىلانغانلىقىنى بىلىپ، ناھايىتى ئەنسىرىگەنىدى. 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىر مەمەتروزىنىڭ يارا ئېغىزىنىڭ قېتىشىپ ساقايغانلىقىنى ئىگىلىگەن.
    مۇكاپاتلانغان 10 مىڭ يۈەن پۇل ھەققىدە مەمەتجان مۇنداق دېدى: «بۇنداق ئىشقا يولۇققان ھەرقانداق كىشى ئادەم قۇتقۇزۇشنى ئويلايدۇ، بىز پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىزنى قىلدۇق. بۇ 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتنى ئۈچ ھەمراھىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بولدۇق، ھەممىسىنى ئىئانە قىلىپ، ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بېرىمىز.» زىيارەت داۋامىدا، مۇخبىر يەنە مەمەتجاننىڭ يەنە بىر سالاھىيىتىنىڭ بارلىقىنى، ئۇ بولسىمۇ ليۇجوۋ شەھىرىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى»  ئىكەنلىكىنى بىلدى.
[كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتى تارقىتىش سۆزى]
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا قاتناش ۋەقەسىنى ئۇچراتتى
تۆت ياخشى ئاغىنە بىرلىكتە دەرھال ئادەم قۇتقۇزدى
قويۇق ئىس، كۈچلۈك يالقۇن ئىچىدىن بىر جاننى قۇتقۇزۇپ چىقتى
لېكىن ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى قۇتقۇزالمىغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندى
يۇقىرى-تۆۋەن چېپىپ، دوختۇرخانىغا تەڭ باردى، يوقلىدى، پۇل ئىئانە قىلدى
ئۇلار ناتونۇش ئاددىي ئادەملەر ئارىسىدىكى ئاقكۆڭۈللۈكنى
ھەرىكىتى ئارقىلىق تولۇق ئىپادىلىدى
ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلارچە دوستلۇقنى
شىنجاڭ، گۇاڭشى ئىككى جايدىكى تەسىرلىك ھېكايىگە ئايلاندۇردى
ئالىبابا كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى، نەنگو جىنباۋ گېزىتى بىلەن بىرلىكتە
ئەنۋەر ئۆمەر، مەمەتجان ئۆمەرجان
مەمەتروزى ئەخەت ۋە ئۇلارنىڭ دوستى شۈ جاۋلياڭغا
كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئالاھىدە مۇكاپاتى ۋە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى بېرىشنى قارار قىلدى
بىرلىكتە ئادەم قۇتقۇزغان تۆت ئاغىنىگە ئالقىش ياڭرىتايلى
ھاياتتا تاسادىپىيلىق بولۇپ تۇرىدۇ
ھاياتلىق ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى تەقدىم قىلغان ھەر بىرەيلەنگە
ئاپىرىن
[كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە توغرىسىدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇش] كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە − ئالىبابا گۇرۇھى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى 150تىن ئارتۇق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى بىلەن بىرلىكتە ئورتاق بەرپا قىلغان داڭلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق سۇپىسى، «چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنى تارقىتىش، ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش»نى  ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ئاددىي كىشىلەرنىڭ كىچىك ھەم گۈزەل ياخشى ئىشلىرىنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق، كىشىلەر قەلبىنى ئويغىتىپ، ياخشىلىققا رىغبەتلەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ياخشى ئىشلارغا ئىنتىلىشى، ئىللىقلىققا ئىنتىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. 2013-يىلىدىن ھازىرغىچە، كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە جەمئىي 97 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپات پۇلى تارقاتتى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئون مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام ئامما مۇكاپاتلاندى، بۇ ئاددىي كىشىلەرنىڭ ھېكايىلىرى كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەقلىد قىلىش ئۈلگىسىگە ئايلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تەسىر كۆرسەتتى ۋە تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.