تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ مالتا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ «جۇڭگو كۆزنىكى»دىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مالتا سان مارگارىت ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ «جۇڭگو كۆزنىكى»دىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، مالتادىكى تېخىمۇ كۆپ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭگو - مالتا ئادىمىيەت ئالاقىسىگە پائال قاتنىشىشىغا ئىلھام بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - مالتا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، سان مارگارىت ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ «جۇڭگو كۆزنىكى» مالتادىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭگوغا بولغان چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو - مالتا دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. «جۇڭگو كۆزنىكى»نىڭ بارغانسېرى ياخشى قۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشتە بولۇشىنى قارشى ئالىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جاھان ئېجىل - ئىناق بولۇش، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ئۆتۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەدىمدىن بۇيان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە بولغان گۈزەل ئىنتىلىشى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى مۇجەسسەملەنگەن مەدەنىيەت مەنبەسى. بىز ياشاۋاتقان دۇنيا تارىخ بىلەن رېئاللىق گىرەلەشكەن، ئۈمىد بىلەن خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولغان، ئىنسانىيەت تەقدىرى بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان دۇنيا بولۇپ، پەقەت ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپكە ئېرىشكەندىلا، ئىنسانىيەتنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرگىلى بولىدۇ. يەرشارىۋى تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خەلقئارا خەۋپسىزلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن مالتا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئوخشاش بولمىغان تارىخ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ دوستانە بىللە ئۆتۈش ئۈلگىسىگە ئايلاندى. مالتادىكى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭگو - مالتانىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىگە پائال قاتنىشىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن ۋە خەلقنىڭ دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سان مارگارىت ئوتتۇرا مەكتىپى مالتادىكى بىر ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپ بولۇپ، 2010 - يىلى جۇڭگو تەرەپنىڭ قوللىشى بىلەن «جۇڭگو كۆزنىكى»نى قۇرغانىدى. يېقىندا، بۇ مەكتەپنىڭ «جۇڭگو كۆزنىكى»دىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى، «يوسۇننامە»دىكى «دانىشمەنلەر جاھاننى بىر ئائىلە دەپ بىلىدۇ» دېگەن سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ئىجابىي باھا بەردى، مالتا - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا تىلەك تىلەپ، مالتا - جۇڭگو مەدەنىيەت ئالاقىسى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.