تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا 8 مىليارد 131 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا 6 مىليون 433 مىڭ 200 ئادەم قېتىم نەپ يەتكۈزدى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا) 8- ئاينىڭ 9- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا 8 مىليارد 131 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا 6 مىليون 433 مىڭ 200 ئادەم قېتىم نەپ يەتكۈزگەن.

بۇ يىل 6- ئاينىڭ 10- كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى «تىرىشىپ ئۆگىنىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش. ئورتاق كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» بويىچە ئادەم تەربىيەلەشكە ياردەم بېرىش شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا فوتوسى

    بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش ئۇچۇرى سىستېمىسىغا سانلىق مەلۇمات كىرگۈزۈش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەكتەپ ئاپپاراتلىرى، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈرىنى %100 سىستېمىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇشقا، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئۇچۇرىنى %100 تولدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئاجرىتىپ بېرىش ۋە چىقىم قىلىش سۈرئىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ۋاقتىدا، دەل جايىدا ئاجرىتىپ بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

    پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەكتەپلەر يېڭى تاراتقۇ، رادىيو قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئادەم تەربىيەلەشكە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا «ئىككى پارچە خەت»نى ئېلان قىلىشقا تەشكىللەپ، كەڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېيىنكى ئوقۇش باسقۇچىدىكى دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئالدىن ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئىقتىسادىي ياردەمدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولۇشنى يېتەكچىلىك ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىدى.

    كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردەمگە ئېرىشىش ئەھۋالىنى داۋاملىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەشغۇلات قوللانمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مەشغۇلات تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بولغان غەمخورلۇقىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.