تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

تەستىقلاندى! غەربىي شىمال رايونىدىن بىردىنبىر ئورۇن!

   تىيانشان تورى خەۋىرى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى مەملىكەت بويىچە 2-تۈركۈمدىكى «جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورى بازىسى»نىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. شىنجاڭ داشۆ بىلەن بېيجىڭ داشۆ، چىڭخۇا داشۆ، بېيجىڭ سىفەن داشۆسى قاتارلىق 15 ئورۇنغا «جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورى بازىسى» دەپ نام بېرىلدى. شىنجاڭ داشۆ غەربىي شىمال رايونىدىكى بىردىنبىر بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ئورۇن بولدى.

6-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ داشۆدىكى ئالاقىدار خادىملار جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورى بازىسىغا ئىلتىماس قىلىش توردىكى جاۋاب بېرىش يىغىنىغا قاتناشماقتا.

نيې نەن فوتوسى

      «جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورى بازىسى» جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورچىلىرى جەمئىيىتى ۋە دۆلەت ئىچى قىسمەن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ئورتاق قۇرغان دۆلەت دەرىجىلىك پەن تەتقىقات سۇپىسى بولۇپ، ماركسىزملىق ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيەسى ۋە ئوبزورچىلىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورى بازىسىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

      «بۇنىڭدىن كېيىن، بازا جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورى بازىسى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، خاس ئەۋزەللىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.» شىنجاڭ داشۆ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى زوۋ زەن مۇنداق دېدى: بازا دىققەتنى مۇھىم، زور تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىلىم چوققىسى» بەرپا قىلىش پىلانىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ. ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە خاسلىققا ئىگە ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورى پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى ۋە سۆز سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن چېگرا رايون تەجرىبىلىرىنى تەقدىم قىلىپ، بازىنى تىرىشىپ مەۋقەنى شىنجاڭغا قويغان، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ئالاقە باغلىغان، دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئوبزورى بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

     مەملىكەت بويىچە 2 - تۈركۈمدىكى «جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەت ئوبزورى بازىسى» ئىسىملىكى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.