تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولايلى | شۈ يۇەنجياڭ: مەن كۆپچىلىكنى باشلاپ بىللە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمەن

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

  «شۈ تاغامغا رەھمەت، مەن ياخشى ئوقۇپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن سىزگە ئوخشاش ياخشى ئادەم بولىمەن» 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، بۈگۈر ناھىيەسى يۈەنجياڭ يېزا ئىگىلىك سانائەت، سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شۈ يۈەنجياڭ ئېلىپ كەلگەن 6000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، قاراباغ يېزىسىنىڭ قارادۆڭ كەنتىدىكى دىلنۇر ئاسىم، دىلمۇرات ئاسىم ئاچا-ئۇكا ئىككىيلەن ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

  بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن شۈ يۈەنجياڭنىڭ بويى ئانچە ئېگىز ئەمەس، تېرىسى قارامتۇل بولۇپ، ئاددىي-ساددا كىيىنىپ يۈرەتتى. 20 نەچچە يىل ئىلگىرى، شۈ يۈەنجياڭ چۇڭچىڭدىن بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ قاراباغ يېزىسى چارۋىچىلىق كەنتىگە كېلىدۇ. كۆپ تەرەپلىمە تەكشۈرۈش ھەم شۇ جايدىكى بىرنەچچە تېرىقچىلىق ئائىلىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، شۈ يۈەنجياڭ يەر ھۆددىگە ئېلىپ كېۋەز تېرىشنى قارار قىلىدۇ. قاراباغ چارۋىچىلىق كەنتىنىڭ يېرى كېۋەز تېرىشقا ناھايىتى ماس كېلىدىغان بولۇپ، شۇ يىلى ئۇ خېلىلا ياخشى پايدىغا ئېرىشىدۇ.

  8-ئاينىڭ 7-كۈنى، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ قاراباغ يېزىسى چارۋىچىلىق كەنتىدىكى بىر كېۋەزلىكتە، شۈ يۈەنجياڭ (ئوڭدىن بىرىنچى، قولىدا مىكروفون تۇتۇۋالغان كىشى) كېۋەز تېرىيدىغان ئاھالىلەرنى تەشكىللەپ كېۋەز پەرۋىشى تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي فوتوسى

  مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شۈ يۈەنجياڭ تېرىقچىلىق كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىدۇ ھەمدە يېڭى كېۋەز سورتلىرىنىتوختىماي كىرگۈزىدۇ، پايدىسىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ. شۈ يۈەنجياڭنىڭ كېۋەز تېرىپ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانلارمۇ كېۋەز تېرىماقچى بولىدۇ، نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭدىن كېۋەز تېرىش، پەرۋىش قىلىش تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ كېلىدۇ، ئۇ كۆپچىلىككە زېرىكمەي-تېرىكمەي ئۆگىتىپ قويىدۇ.

  «شۈ ئاكامنىڭ تۈرتكىسىدە، 20 مو يەرگە كېۋەز تېرىدىم. شۈ ئاكام دائىم كېلىپ ماڭا قانداق ماركىلىق ئۇرۇقلۇق چىگىت سېتىۋېلىش، قانداق پەرۋىش قىلىش توغرىسىدا يېتەكچىلىك قىلدى، شۇ يىلى مەن كېۋەزدىن 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم، ئۆيدىكىلىرىمبۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى» دېدى شۇ كەنتتىكى كەنت ئاھالىسى ھەسەن ھوشۇر.

  2001-يىلى كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، شۈ يۈەنجياڭ شىركەت رويخەتكە ئالدۇردى. كەسىپ دائىرسىنى دەسلەپتىكى يالغۇز كېۋەزلا تېرىشتىن، چىگىتلىك پاختا سېتىۋېلىش ۋە پىششىقلاش، ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز سورتىنى كۆپەيتىش، يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلارغا كېڭەيتتى. شۈ يۈەنجياڭمۇ شۇ جايدىكى پاختا تېرىش، پىششىقلاش، سېتىش ساھەسىدىكى باشلامچى شەخسكە ئايلاندى.

  «بۇ مېنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرگەن تۇپراق، مەن كۆپچىلىكنى باشلاپ بىرلىكتە بېيىيمەن» شۈ يۈەنجياڭ يۇرتداشلارنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالمىدى. 2018-يىلىدىن بۇيان، شۈ يۈەنجياڭ پۈتۈن ناھىيەگە 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى ئۇرۇقلۇق چىگىت ئىئانە قىلدى؛ 2021-يىلى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ كېۋەز تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇ ئالايىتەن بېيجىڭدىن مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپ، تۆت قارار دېھقانلار تېرىقچىلىق، پەرۋىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، 1400دىن ئارتۇق ئادەم قېتىمتەربىيەلەش كۇرسىغا ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

  «بالىلار بىزنىڭ كېلەچىكىمىز، بالىلارنىڭ تەقدىرىنى ياخشى ئوقۇش ئارقىلىقلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.» بۇ شۈ يۈەنجياڭنىڭ دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان گېپى. 2021-يىلى، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ چېدىر يېزىسى سايباغ كەنتىدىكى بارات مەمەتنىڭ داشۆدە ئوقۇشقا كېتىدىغان پۇلدىن غەم قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، شۈ يۈەنجياڭ ئۇنىڭغا دەرھال 10 مىڭ يۈەن ياردەم بېرىش-يۆلەش پۇلى ئاپىرىپ بەردى.

  قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە پارتا-ئورۇندۇق، كەنتكە كىتاب ئىئانە قىلدى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار سەككىز ئوقۇغۇچىنىڭ داشۆدە ئوقۇش مەزگىلىدىكى بارلىق ئوقۇش خىراجىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى... كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ قىلغان بۇ ياخشىلىقلىرىنى كارخانا ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈشكە مۇجەسسەملىدى، ئۇنىڭغا شۈ يۈەنجياڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى قوللىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى يۈكلەنگەنىدى.

  «كىچىك ۋاقتىمدا ئائىلىمىز نامرات ئىدى، مېنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەم يۇقىرى ئەمەس، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقىلا، ئىگىلىك تىكلەش يولىدا بارغانسېرى راۋان ماڭالىدىم» شۈ يۈەنجياڭ مۇنداق دېدى: سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق، ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇش بىر كارخانىچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ۋىجدان ۋە مەسئۇلىيەت، مەن ئاممىۋى پاراۋانلىق يولىدا مېڭىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمەن.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.