تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قوللىنىش ئومۇميۈزلۈك، شەرتسىز، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى:​

بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قوللىنىش ئومۇميۈزلۈك، شەرتسىز، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋېن شىن) دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى مۇنداق كۆرسەتتى: بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنىڭ مەنىسى ئېنىق، ئايدىڭ، ئۇنى قوللىنىش ئومۇميۈزلۈك، شەرتسىز، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا، خەلقئارا قانۇنچىللىق ۋە خەلقئارا تەرتىپكە خىرىس قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش مۇقەررەر ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ، ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

  ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان قوشما باياناتتىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ «بىر جۇڭگو سىياسىتى»گە چېتىلىدىغان بايانلىرىغا قارىتا، ۋاڭ ۋېنبىن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە يۇقىرىقىدەك ئىپادە بىلدۈردى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: بىر جۇڭگو پىرىنسىپى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى، ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانى بولۇپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ تەركىبىي قىسمىنى ھاسىل قىلدى. بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 2758 - نومۇرلۇق قارارىدا بېكىتىلگەن، شۇنداقلا جۇڭگو ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ سىياسىي ئاساسى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ قانۇن پىكرىدىمۇ «تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇستەقىل ئورنى يوق» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

  ئۇ مۇنداق دېدى: «ئايرىم دۆلەتلەر بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ھەر خىل ئالدى قوشۇمچىلار، ئارقا قوشۇمچىلارنى قوشۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى بۇرمىلاش، مەۋھۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۇلىنى كولاشقا ئۇرۇندى، بۇ قانۇنسىز، ئىناۋەتسىز. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ».

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق تەكىتلىدى: بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنىڭ مەنىسى ئېنىق، ئايدىڭ، ئۇ بولسىمۇ دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قوللىنىش ئومۇميۈزلۈك، شەرتسىز، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بارلىق دۆلەتلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا شەرتسىز ئەمەل قىلىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 2758 - نومۇرلۇق قارارىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. «ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ قىلمىشى ئەمەلىيەتتە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەنلىك، ماھىيەتتە خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا خىرىس قىلغانلىق، شۇنداقلا 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپكە خىرىس قىلغانلىق».

  «ئادەمدە سەمىمىيەت بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دۆلەتتە سەمىمىيەت بولمىسا زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.» ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ئايرىم دۆلەتلەرنى تارىخنى ياخشى ئوقۇپ، ئەينى يىلى بەرگەن يازما ئىسپاتىدىكى تەنتەنىلىك ۋەدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشقا، لەۋزىدە تۇرماسلىقنىڭ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە يانتاياق بولۇشنىڭ خەتەرلىكلىكى ۋە خەۋپلىكلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا دەۋەت قىلىمەن. «بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا خىرىس قىلىش، خەلقئارا قانۇنچىللىق ۋە خەلقئارا تەرتىپكە خىرىس قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش مۇقەررەر ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ، ئەمەلگە ئاشمايدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.