تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​«<يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش> − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك بايان ماقالىسى تارقاتتى​

«<يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش> − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى «<يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش> − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان» ناملىق چوڭ ھەجىملىك بايان ماقالىسىنى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يۇقۇم ۋەزىيىتى ئارقىغا سۈرۈلۈپ تەكرارلىنىۋاتىدۇ، خەلقئارا مۇھىت مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېغىر ھەم مۇشەققەتلىك بولۇشقا يۈزلەندى.

«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېنىق تەلىپى».

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈز مىليونلىغان خەلقنى بىر ياقىدىن باش چىقىرىشقا يېتەكلەپ، مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: «خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدى، شۇنداقلا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇقىملاشتۇردى»؛ «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»؛ «قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقۇشتىن قەتئىينەزەر، بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك»؛ «ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۆز ئىشىمىزنى قەتئىي ياخشى قىلىشىمىز كېرەك».

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلغاندا، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىق شارائىتقا ئىگە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولۇپ، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمەيدۇ».

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، لېكىن پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە، بۇ، بىزنىڭ ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا بىزنىڭ غەيرىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئىشىمىزنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېپيېڭى سەھىپىسىنى چوقۇم پۈتۈپ چىقالايمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.