7-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدە، ئىلى دەرياسى جىلغىسى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈستىقۇددۇس كەسىپلەر باغچىسىدىكى ئۈستىقۇددۇس گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ، سۆسۈن رەڭلىك گۈل دېڭىزىنى ھاسىل قىلغانىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى دەرياسى جىلغىسى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۇنجاچى نېرۇ بازىرىدىكى 4500 مو يەرنى ئاچتى ھەم ئۈستىقۇددۇس تېرىدى، 44 خىل سورتنى كىرگۈزۈپ ۋە كېڭەيتىپ، شۇ جايدىكى يېزا-كەنتلەردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
شۇ جايدىكى دېھقانلار ئۈستىقۇددۇسنى يىغىش، توشۇشقا جىددىي كىرىشىپ، ئېتىزلىقتا ئالدىراش مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى.
ئۈستىقۇددۇس كەسىپلەر باغچىسىدىن بىر كۆرۈنۈش.
(ئىختىيارىي مۇخبىر خۇا يەنمىڭ)
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى