تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«ئىمتىھانغا بېرىش»تىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى مەڭگۈ ساقلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە.» ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي پارتىيە، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، باشتىن ـ ئاخىر خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىشتە، جەزمەن <ئىمتىھانغا بېرىش>تىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك».

ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى پارتىيەنىڭ ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىشىدىكى قۇدرەتلىك تىرەك. 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كەينى ـ كەينىدىن قولغا كەلتۈرۈپ، جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر ۋە توسالغۇلارنى بىر ـ بىرلەپ يېڭىپ، نۇرغۇنلىغان تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا غەيرەت ـ شىجائىتىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشى، خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىشىدىكى سەۋەب، پارتىيەمىز جاسارەت بىلەن ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاپ، ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىغانلىقىدا. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان چەكلەپ بولالمىغان بەزى ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتنى چەكلىدى، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنماي كەلگەن نۇرغۇن جاھىل كېسەللەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلانغان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى كەڭچىلىك قىلىش، بوشاڭلىق قىلىش، يۇمشاق قوللۇق قىلىش ئەھۋاللىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، پارتىيە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلاش جەريانىدا تېخىمۇ كۈچەيدى. ئون يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابى ئارقىلىق ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بوران ـ چاپقۇنغا قارىماي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەكسىگە قايتۇرۇشقا بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۇلۇغ كۈرەشنى ئېلىپ بارماقتا، ۋەزىيەت ۋە مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى تېز، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئېغىر، زىددىيەت، خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلار كۆپ بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىنىقى مىسلىسىز بولدى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، پۈتۈن پارتىيە شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى كېرەككى، پارتىيە دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقى ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدار يېتىشمەسلىك خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق، چىرىكلىك خەۋپى ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشتىكى مۇقەررەر يول. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىنى ياخشى قىلىشتا، پارتىيەمىز جەزمەن ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا زىيان سالىدىغان بارلىق زىيانلىق ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز تازىلايدىغانلا بولساق، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچىنى ئۈزلۈكسىز تازىلايدىغانلا بولساق، بىز چوقۇم پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن ـ ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئەمەلىيەت بىزنى قايتا ـ قايتا ئاگاھلاندۇردىكى، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى بىر مىنۇتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن دائىم بوشاشماي تۇتۇش، چىڭ تۇتۇپ قويۇۋەتمەسلىك كېرەك، ھەرگىز بوشىشىپ توختاپ قېلىشقا، چارچاپ ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىدا بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، جەزمەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.» يېڭى تارىخىي شارائىتتا، پارتىيەنىڭ ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشتا، ئاچقۇچ يەنىلا پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىگە تايىنىشىدا. پۈتۈن پارتىيە بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك، دېگەن قائىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىكنى جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي بوشاشماي چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. جەزمەن خەۋپ ـ خەتەرنى ئەستىن چىقارمىغان روناق تاپۇر، راھەت ـ پاراغەتكە بېرىلگەن ھالاك بولۇر، دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دائىم كېلەچەكنىڭ غېمىنى يەپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ ـ خەتەرنى ئويلاپ، «تۆت چوڭ سىناق»قا دادىل يۈزلىنىپ، «تۆت خىل خەۋپ»نى قەتئىي يېڭىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، جەمئىيەتكە قارىتا چاقىرىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشتىن ـ ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران ـ چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان سىياسىي پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، قىيىنچىلىق ئالدىدا تىز پۈكمەسلىك، بېسىم ئالدىدا باش ئەگمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى پاراخوتىنى دولقۇن يېرىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىسەك، پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئەمەلىيىتى قاچان پارتىيەمىز ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ كۈچەيسە، شۇ چاغدا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ ھەممىدە غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن ـ ئاخىر جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشتىن ئىبارەت ئىلگىرىلەش روھىنى ساقلاپ، «ئىمتىھانغا بېرىش»تىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ ئىمتىھان سوئالىغا ياخشى جاۋاب بەرسەكلا، بىزنىڭ بۇ 100 يىللىق چوڭ پارتىيەمىز چوقۇم ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ، باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ كۈچلۈك تايانچىسىغا ئايلىنىپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى مۆجىزىلەرنى داۋاملىق يارىتالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.