ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى شىن) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2021-يىلى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ يانداش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئىش باشلانغانلىقى ۋە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما، چىقىم ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولغاچقا، شىنجاڭ يېقىندا 300 مىليون يۈەن مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما مەخسۇس تۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2021-يىللىق كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ يانداش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئىش باشلىغان ۋە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما، چىقىم ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولغان شىنجاڭ، خۇبېي، خۇنەن قاتارلىق ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننى مەخسۇس تۈر بويىچە مۇكاپاتلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىز مەركەز خامچوتى ئىچىدىن 300 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، 2021-يىلى مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش تۈرىدە ئىجرا قىلىنىشى بىرقەدەر ياخشى بولغان باي ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى، ئاتۇش شەھىرى قاتارلىق 23 ناھىيە، شەھەرنى نۇقتىلىق مۇكاپاتلايدىكەن ۋە قوللايدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى بىلەن بىرلىكتە كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇلۇش شارائىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بالدۇر قۇرۇلۇش باشلاپ، ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ.