تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بىۋاسىتە ئۈزۈش! شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى شىنمېي تيەنماۋ تاللا بازىرىغا كىردى!

8 ـ ئاي كىرىشى بىلەن،
قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شىنمېي ئۆستۈرۈش بازىسىدا شىنمېي شاخلىرىدىكى شىنمېي كۆك رەڭدىن سۆسۈن رەڭگە ئۆزگىرىپ،
يەنە بىر مول ھوسۇل يىلىنى كۈتۈۋالدى.

 پىشقان شىنمېي (ماتېرىيال سۈرەت).

تيەن شياۋ فوتوسى 

8-ئاينىڭ 2-كۈنى
مۇخبىرنىڭ تيەنماۋ تاللا بازىرىدىن ئىگىلىشىچە،
8-ئاي كىرگەندىن بۇيان،
تيەنماۋ تاللا بازىرى شىنجاڭدا بىۋاسىتە ئۈزۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ،
 شىنجاڭدىن 2000 توننا شىنمېينى بىۋاسىتە يىغىشنى مۆلچەرلىگەن،
شۇ پەسىللىك شىنمېي بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ،
ھاۋا تىرانسپورتى ئارقىلىق ئەڭ تېز بولغاندا 48 سائەتتە پەيزاۋات ناھىيەسىدىن بىۋاسىتە ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

يۆجيا شىنمېي كەسىپلەر باغچىسى.

ئىختىيارىي مۇخبىرى جاڭ دۇچىڭ فوتوسى 

مۇخبىر تيەنماۋ تاللا بازىرىغا تىزىملىتىپ كىرىپ،
شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدە ئۈزۈلگەن شىنمېينىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنى كۆردى، 
ھەر كىلوگىرام شىنمېينىڭ باھاسى كىراسىنى قوشقاندا تەخمىنەن 50 يۈەن، ئالدىن سېتىلىدىغان ئۈچ جىڭ ئۆلچەمدىكى شىنمېينىڭ دەرھال كېمەيتىش ئېتىبارى ھەمدە تيەنماۋ تاللا بازىرى كارتىسىنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاشتىن كېيىنكى ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى پەقەت 32 يۈەن بولۇپ،
8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئۈزۈش پەسلىگە كىرگەندىن كېيىن مال تارقىتىلىدىكەن.
تيەنماۋ تاللا بازىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كەڭ كۆلەمدە شىنمېي ئۆستۈردى، بىز ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئالدىن بېرىپ ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلىك باغلارنى ئىزدەپ، بىر تال مېۋىنىڭ ئېغىرلىقى 15 گىرامدىن 20 گىرامغىچە بولغان چوڭ مېۋىلەرنى سېتىۋالدۇق.
يەنە بىر خۇش خەۋەر بار
ئۈرۈمچى تاموژنىسى يېقىندا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مەلۇم يېزا ئىگىلىك كارخانىسى ئىلتىماس قىلغان چېگرادىن چىقىرىلىدىغان مېۋە-چېۋە بويىچە مېۋىلىك باغنى رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاشنى تەستىقلىغان بولۇپ،
بۇ مېۋىلىك باغ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئېكسپورت سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تۇنجى شىنمېي مېۋىلىك بېغى بولۇپ قالدى.

پىشقان شىنمېي.

ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ دۇچىڭ فوتوسى 

    «شىركىتىمىز ئۆستۈرگەن شىنمېي ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى شەھەرلەرگە سېتىلىدۇ، بۇلتۇر سېتىش كىرىمى 70 مىليون يۈەندىن ئاشتى. بۇ قېتىم شىنمېي بېغىمىز چېگرادىن چىقىرىلىدىغان مېۋە-چېۋە بويىچە مېۋىلىك باغنى  رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاپ ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆتۈپ، بىزنىڭ خەلقئارا بازارغا يۈزلىنىشىمىزگە شارائىت يارىتىپ بەردى» دېدى بۇ كارخانىنىڭ باش مۇدىرى ما خۇڭلياڭ. 
شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ شىنمېي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى،
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شىنمېي ئۆستۈرۈش كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارى ئاپتونوم رايون بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ.
ما خۇڭلياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇنجى تۈركۈمدە ئىسپات بېرىلگەن شىنمېي بېغىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 1000 مو بولۇپ، يىللىق مەھسۇلاتى 1500 توننا ئەتراپىدا، ھازىر شىركەت دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ شىنمېينى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق رايونلارغا ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىماقتا.

پىشقان شىنمېي (ماتېرىيال سۈرەت)

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقى مول،
ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتقا تايىنىپ،
ياڭاق، نەشپۈت، ئالما قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بازارلاردا كەڭ كۆلەمدە ياقتۇرۇشقا ئېرىشتى،
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ،
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارغا قارىتىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى سىجىل ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.

قەشقەر تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا،
ئالدىنقى بەش ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات ئېكسپورت مىقدارى 6832.3 توننىغا، مال قىممىتى 150 مىليون يۈەنگە يەتكەن،
 كۆپىنچىسى قۇرۇق، ھۆل مېۋە ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر بولۇپ
ئاساسلىقى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنغان. 

    «بىز ئەلا سۈپەتلىك يەرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تاموژنا−كارخانا ئالاقىچىسى كارخانىلارغا بىرگە بىر دەل جايىدا ياردەم بېرىش ـ يۆلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىر مەھسۇلاتقا بىر تەدبىرنى يولغا قويۇپ،  مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىق تۈزۈپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ خەلقئارا بازارنى ئېچىشىغا ياردەم بەردۇق» دېدى قەشقەر تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى لى شىن.

 
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.