تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەنزىرىسى | خېبېي مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى قالدۇرۇپ قويدى

     تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي
    «شىنجاڭدىكى مەكتەپلەردە مەن ياخشى كۆرىدىغان كەسىپلەر بار، يۇرتىمىز شىنجاڭدا خىمىيە سانائىتى توقۇمىچىلىق كارخانىسى ناھايىتى كۆپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىمدا مەسىلە يوق، مەن ھەقىقەتەن بەك تەلەيلىك». 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، نۆۋەتتىكى ئۆگىنىش مۇھىتى ۋە ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشى توغرىسىدا توختالغاندا، كورلا شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ پەن-تېخنىكا شۆيۈەنى خىمىيە سانائىتى ۋە توقۇمىچىلىق قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ 3-20 سىنىپ ئوقۇغۇچىسى جاڭ يۈۋېي خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.
    ئوقۇغۇچى جاڭ يۈۋېينىڭ تەلىيى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجە  ھېسابلىنىدۇ.
    شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يولغا قويۇلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى باشتىن-ئاخىر مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزىدىغان ئۇل قۇرۇلۇش قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلارغا بىرلەشتۈرۈپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» بىلەن «ھاۋالىلىك باشقۇرۇش شەكلى»نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، «قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەش»نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللاردا يېڭىلىق يارىتىپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى ۋە ئىلغار مائارىپ ئىدىيەسىنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا كىرگۈزۈپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ قوشتى.
    2020-يىلى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا شۆيۈەنى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋالدى. بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى تېخنىكا پەنلىرى تۈرى بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئىدى.
    «2020-يىلىدىن بۇيان، بىز بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كەسىپلەر تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خېبېي داشۆسى، خېبېي تېببىي داشۆسى قاتارلىق ئالتە ئالىي مەكتەپنى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا شۆيۈەنىدە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بەش سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى كەسىپ ۋە ئۈچ تېببىي پەن كەسپىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشكە تەشكىللەپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بەردۇق، كۈچ قوشتۇق.» دېدى خېبېي ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياۋ زېڭخۇي.
    «شۆيۈەن قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى ئۈستىدە پائال ئىزدەندۇق، كارخانىلار ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى دەل جايىدا يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بۇلتۇر بايىنغولىن ئوبلاستى جىنفۇ ئالاھىدە تور توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ مېيكې خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاشتۇق.» دېدى شىنجاڭ پەن- تېخنىكا شۆيۈەنى خىمىيە سانائىتى ۋە توقۇمىچىلىق قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى خۇ شۆمىن.
    خېبېيدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆمەك تەشكىللەپ بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى ماسلاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈپ، كورلا شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپتە مەكتەپ، ئوقۇتۇش ئىشلىرى، يىللىقلاردىن ئىبارەت «ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن» ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ھاۋالىلىك باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خېبېينىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش ئىدىيەسى ۋە ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «قان بېرىش»نى «قان ئىشلەش»كە ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
    «بىز پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئەلا سۈپەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، كورلا شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپكە نىشانلىق ياردەم بېرىپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىدە يېڭىلىق ياراتتۇق.» ياۋ زېڭخۇي مۇنداق دېدى: كورلا شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپ بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى بىردىنبىر ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ھاۋالىلىك باشقۇرۇلىدىغان مەكتەپ، خېبېي ئۆلكىسى پۈتۈن ئۆلكىدىن كۆپ يىل مائارىپ، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئۈچ مۇتەخەسسىسنى تاللاپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا كورلا شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى، ئوقۇتۇش مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە ئەخلاق تەربىيەسى مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا قويدى؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن 13 ئوقۇتقۇچى، مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن 45 ئوقۇتقۇچىنى يىغىپ رەھبەرلىك بەنزىسىدىن پەن گۇرۇپپا باشلىقى، تايانچ ئوقۇتقۇچىغىچە بولغان ھاۋالىلىك باشقۇرۇش كوللېكتىپى تەشكىللەپ، ئوقۇتۇش باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل قىلدۇق.
    «تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىش ئورنىنى ئېلىپ دەرس ئۆتۈشكە سېلىشتۇرغاندا، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ھاۋالىلىك باشقۇرغاندا، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنىڭ <ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى>دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئومۇمىي ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ». خېبېي ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، كورلا شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى فېڭ يۇڭجۇاڭ مۇنداق دېدى: مەكتەپتە 134 ئوقۇتقۇچى بار، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى 48گە يەتتى، ئۇستاز- شاگىرتلار قوشماقلىشىش، ئۈلگىلىك دەرس قاتارلىق <ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش> پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، خېبېينىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىنىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.
    خېبېي ئۆلكىسى بايىنغولىن ئوبلاستىغا ئەلا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە ئىلغار ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايدىكى 30 نەچچە ياش ئوقۇتقۇچىنى خېبېي ئۆلكىسىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ، سىنىپ مۇدىرى، دەرس ئوقۇتقۇچىسى ياكى يىللىقلار ياردەمچى ئوقۇتقۇچىسى قىلىپ، يېرىم يىل ئىش ئورنىدا ئۆگىنىشكە قويۇش ئارقىلىق مائارىپ جەھەتتىكى «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.


2021-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى، كورلا شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ليۇ ۋەنتىڭ (ئوڭدىكى رەت ئىككىنچى كىشى) خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆگىنىۋاتقان مەزگىلدە، تولۇق 1-يىللىق جۇغراپىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتىگە قاتناشتى. سۈرەتنى ليۇ ۋەنتىڭ تەمىنلىگەن (ماتېرىيال سۈرەت).

    «خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىش ئورنىدا ئوقۇتۇشقا قاتناشقاندا، مەكتەپ تورى سىستېمىسى ئارقىلىق بايقىشىمچە، تەجرىبىسى مول ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئەڭ ئاخىرقى تۈزىتىش ۋاقتى سەھەر سائەت 2دىن كېيىنگىچە بارىدىكەن، بۇنداق كەسىپنى قەدىرلەش، مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىزدەك ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ». خېبېيغا بېرىپ ئىش ئورنى بويىچە تۆت ئاي ئۆگەنگەن كورلا شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى ليۇ ۋەنتىڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمنى، ئۆگەنگەنلىرىمنى بىر تال ئۇرۇققا ئايلاندۇرۇپ، 23-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بۇ مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتقۇزۇپ، بىخ سۈردۈرىمەن».
    ئىلغار مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسى، ئەلا مائارىپ بايلىقى بالىلارنى ئەلا مائارىپتىن، ئەلا ئۆگىنىش مۇھىتىدىن بەھرىمەن قىلدى. مەكتەپ ۋاقىتنى ئىلمىي پىلانلاش جەدۋىلى تۈزۈپ، بىزنى تولۇق ئۆگىنىش ۋاقتىغا ئىگە قىلدى.
    «مەكتەپ يەنە دائىم مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، بىزنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمىزنى ئۇرغۇتىدۇ، مەسىلەن، <ئۆسمۈر ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى>دە بىز سۆزلەش ۋە ئوقۇتۇش جەريانىدا بىلىم ئىگىلەپ، بىلىمگە بولغان چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرالايمىز». دېدى كورلا شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى سەي يىجۈەن.
    ياۋ زېڭخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، خېبېي ئۆلكىسى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مائارىپ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى يەنىمۇ بىرىكتۈرۈپ، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى ۋە ئەقلىي تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.