تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۈچىمىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىغا قويۇشتا، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.» ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى چوڭ ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، بىز دۇچ كەلگەن ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى ئىلمىي ئىگىلەپ، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ زور سىياسەت - فاڭجېنى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، «پۈتۈن پارتىيە جەزمەن كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، توغرا ئىستراتېگىيە - تاكتىكا بىلەن ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشى كېرەك، بۇنىڭدىكى تۈپ نېگىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتا» دەپ تەكىتلىدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىق ۋە بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى باشتىن - ئاخىر ئىگىلىگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىشتا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغانلىقى ۋە يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

100 يىلنى ئەسلىسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى، جۇڭگو خەلقى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە تايانچقا ئېرىشتى، جۇڭگو خەلقى روھىي جەھەتتە پاسسىپلىقتىن تەشەببۇسكارلىققا ئۆتتى. 100 يىلدىن بۇيان، ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن، قانداق بوران - چاپقۇنغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، كۈرەش نىشانىنى بېكىتىپ، توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكى، زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە مۈشكۈللۈكى دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ، تارىختا ئاز كۆرۈلىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە كەينى - كەينىدىن كەلگەن غايەت زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئالغا سىلجىتتى. ئون يىلدا ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنى مىسلىسىز مۇجەسسەملىدى، ئۇرغۇتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەكسىگە قايتۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى، بۇ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەش، غەيرەت - شىجائىتىنى ئۇرغۇتۇپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش جاسارىتى ۋە كۈچىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى.

ۋەزىيەتنى كۆزىتەلەيدىغانلار دانادۇر، ۋەزىيەتنى تىزگىنلىيەلەيدىغانلار غالىبتۇر. ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرمەكتە، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتقا توغرا كېلىپ، تاقابىل تۇرۇشقا تېگىشلىك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ چىگىش، مۇرەككەپ بولدى.» بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، جەزمەن تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپاغا چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بولىدۇ، لېكىن ئادەم بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈنلەي پاسسىپ، ئامالسىز قالغىنى يوق. پەقەت تارىخنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ياساش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە ياراتقاندىلا، بىز تېخىمۇ ياخشى ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، مەيلى ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى خىرىسنىڭ قانداق كەسكىنلىشىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىرادىدىن قايتمايدىغان، يولنى ئۆزگەرتمەيدىغان ئىرادىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كوممۇنىستلارغا مۇناسىپ جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇپ، ھەرقانداق خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ھەرقانداق كاشىلىدىن قايمۇقۇپ قالماي، تۇتقان ئىشنى بوشاشتۇرۇپ قويمايدىغان قەتئىيلىك بىلەن بەلگىلەنگەن نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەيدىغان سەگەكلىك بىلەن بوشاشماي جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

پارتىيەمىز كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ تارىخنى ياراتتى، تېخىمۇ مۇھىمى كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، بىز دۇچ كېلىدىغان خەۋپ - خەتەر، سىناقلار بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىشى مۇمكىن، ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. بىز دۇچ كېلىدىغان تۈرلۈك كۈرەش قىسقا مۇددەتلىك بولماستىن، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك، بۇ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ھەمراھ بولىدۇ. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، كۈچلۈك رەقىب ئالدىدا، پەقەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، قەتئىي كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن ھاياتلىق يولى، چىقىش يولى تاپقىلى، ئاندىن ئىززەت - ھۆرمەتكە ئېرىشكىلى، تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بىز جەزمەن يېڭى، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىمىزنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك ھالدا ئېغىر، زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئېغىر، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيە تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، رەقىبلەر تار يولدا ئۇچراشقاندا باتۇرلۇق كۆرسەتكىنى يېڭىدۇ، دەيدىغان جاسارەت بىلەن، پۇرسەت ئالدىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، قىيىنچىلىق ئالدىدا قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەۋپ - خەتەر ئالدىدا پائال تاقابىل تۇرۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دادىل ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ غەلىبە قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، چوقۇم جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتالايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

بۇرچ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرىدۇ، بۇرچ كەلگۈسىگە يېتەكلەيدۇ. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قەلبىمىزگە پۇقرالارنى پۈكتۇق، قولىمىزدا ھەقىقەتنى تۇتتۇق، جاھاندىكى توغرا يولدا ماڭدۇق، ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى، كۈچىمىز يېتەرلىك بولدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىپ، «قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش»تەك قەھرىمانلىق جاسارىتىنى ساقلاپ، «يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دېگەن كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.