تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ مەنزىرىسى [ھەپتىلىك] ㉚ | دەريادا تۇلپارلار چاپماقتا، شامالدا بۇغدايلار دولقۇنلىماقتا

دەريادا چېپىپ يۈرگەن تۇلپارلار، قۇچاقتا تىنچ تۇرغان قوزىلار؛
ھەرىكەت ئىچىدە جىمجىتلىق، جىمجىتلىق ئىچىدە ھەرىكەت.
شامالدا بۇغداي دولقۇنلىنىپ، شامالغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە؛
لەرزان مۇزىكا ئاۋازى يايلاقتىكى بەختلىك تۇرمۇشنى كۈيلىمەكتە؛
دالىدا قونۇش باغچىسى خۇددى يۇلتۇزلاردەك.
موگۇيچېڭدىكى قۇم دېڭىزى خۇددى قولۋاقلاردەك.
خىيالىي شادلىق باغچىسىدا ئۇچرىشىش، دەرىجىدىن تاشقىرى قاسقان قاتلىمىسىدىن ھۇزۇرلىنىش؛
بۇ يازدا، گۈزەل دەقىقىلەرگە بىللە جور بولايلى.
تۇلپارلار دەريادا چاپماقتا

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسدا ئېلىپ بېرىلغان دەريادا تۇلپار چاپتۇرۇش ئويۇنى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى مەۋقەنى ئەۋزەللىككە قويۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. ھازىر «ئاتچىلىق كەسپى + مەدەنىيەت ساياھىتى»، «ئاتچىلىق كەسپى + تەنتەربىيە»، «ئاتچىلىق كەسپى + شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» قاتارلىق يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىپ، ئات يېتىشتۈرۈش، ئات بېقىش، ئەلا سۈپەتلىك ئاتلارنى كۆرگەزمە قىلىش، چەۋەندازلىق ماھارىتى كۆرسىتىش، ئاتچىلىق مەدەنىيىتى تەشۋىقاتى، خەلق ئۆرپ-ئادەت ئويۇنى كۆرسىتىش قاتارلىقلار يادرو قىلىنغان، ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئات مىنىش، ھېس قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان ساياھەت مەدەنىيىتى رايونى شەكىللەندۈردى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

يەكەن دەرياسىنىڭ سۈيى «شىياڭياڭ»نى بېقىپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈردى

7-ئاينىڭ 29-كۈنى، دېھقان مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرىدىكى تىرىك چارۋا سودا بازىرىدىن بىر ئۆچكە سېتىۋالدى. بۇ سودا بازىرىدا ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن سودا بولىدۇ، كۈندىلىك سودا مىقدارى تەخمىنەن 5000دىن، سودا سوممىسى 30 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تىرىك چارۋا سودا بازىرى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەسى 1 مىليارد 757 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدىن 21نى يولغا قويۇپ، 3567.2 كىلومېتىر سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. سېرىقبۇيا بازىرى سەكسەنتال كەنتىدىكى ھەممە ئائىلە خۇياڭ قويى باقتى، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى «شىياڭياڭ»لار يەكەن دەرياسى سۈيىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

شامال ئېنېرگىيەسى بىلەن يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئۆزئارا تولۇقلىدى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك بولدى

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ قومۇل يەندۇن شامال−يورۇقلۇق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا چارلاپ تەكشۈرمەكتە. ياز كۈنلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 70 كىلومېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل يەندۇن شامال−يورۇقلۇق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا كىرگەندە، 100دىن ئارتۇق شامال كۈچى گېنېراتورى شامالغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، 500 مىڭ پارچە كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىيلىق فوتو ۋولتلۇق توك چىقىرىش تاختىسى قۇياش نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى، ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يېشىل ئېلېكتىر كۈچى قومۇلنىڭ جەنۇبى-جېڭجوۋ kV800± ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش يولى ئارقىلىق جېڭجوۋغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلمەكتە. بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى 2015-يىلى 12-ئايدا تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقاتقان بولۇپ، قومۇلدىكى ھازىر قۇرۇلغان شامال−يورۇقلۇق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 300 مىڭ كىلوۋات سائەت بولۇپ، ھازىرغىچە جەمئىي تارقاتقان توك 4 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

«گارمون شەھىرى»نىڭ ناخشىسى

7-ئاينىڭ 29-كۈنى، بىر كىچىك دوست گارمون مۇزېيىدا گارمون چېلىشنى ئۆگەنمەكتە. چۆچەك گارمون مۇزېيىغا كىرگەندە، بۇ يەردىكى يېقىملىق مېلودىيە ۋە ئۆزگىچە ئۇسسۇلىغا مەپتۇن بولىسىز، مۇزىكا ئاۋازىغا ئەگىشىپ گارمون دۇنياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، گارمون شەھىرى ئېلىپ كەلگەن مۇزىكا، ناخشا ـ ئۇسسۇل كاتتا زىياپىتىدىن ھۇزۇرلىنىسىز. چۆچەك شەھىرىنىڭ جۇڭگو «گارمون شەھىرى» دېگەن نامى بار، چۆچەك شەھىرىدىكى گارمون مۇزېيى 2015-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان، بۇ مۇزېيدا جۇڭگو، رۇسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق ئون دۆلەتنىڭ 1000دىن ئارتۇق ھەر خىل ماركىسىدىكى گارمونلار ساقلانغان، ئەڭ قەدىمكى بىر گارمون 150 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھازىر مەملىكەت بويىچە ساقلىنىۋاتقان ماركا ۋە تۈرى ئەڭ تولۇق گارمون مۇزېيى ھېسابلىنىدۇ.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى


«تۆگىقۇش» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى

7-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچى قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى گاۋچياۋ كەنتىدىكى كېشياڭ تۆگىقۇش باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپىدا تۆگىقۇشقا يېمەكلىك بەرمەكتە. بۇ ھەمكارلىق كوپېراتىپى «پارتىيە قۇرۇلۇشى + بازا + دېھقان» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بېقىش تەننەرخى تۆۋەن، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى بولغان تۆگىقۇش باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «تۇخۇم باستۇرۇش-بېقىش-پىششىقلاش- سېتىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بازىسى قۇرۇپ، تۆگىقۇش گۆشى، تۇخۇمى، تۆگىقۇش مويى قاتارلىق تۆگىقۇش مەھسۇلاتلىرىنى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارغا ساتتى. نۆۋەتتە، بۇ ھەمكارلىق كوپېراتىپىدا 2000دىن ئارتۇق تۆگىقۇش بېقىلىۋاتىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

بىزەك ئاپتوموبىل سەيلىسى

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق شادلىق باغچىسى ئامېيلۇڭ خىيالى باغچىسىدىكى بېزەك ئاپتوموبىلدا سەيلە قىلماقتا. بۇ باغچىدا ئۇنىۋېرسال كارتون پەن-تېخنىكىسى، رەقەملىك ھولوگرافىيەلىك فىلىم، باش تېمىلىق ئويۇن قويۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىپ ھەمتۈرتكە بولۇش، باش تېمىلىق كارتون ئوبرازى قاتارلىق 100گە يېقىن كۆپ خىل شەكىلدىكى ئۆي ئىچى-سىرتى باش تېمىلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بار. يازلىق تەتىلدە ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن بىللە ئوينايدىغان، توردا ئالقىشلانغان، جەزمەن بارىدىغان، ئارام ئالىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان يەنە بىر ياخشى جايغا ئايلاندى. ئىگىلىنىشىچە، تىجارەت باشلىغان بىر يىلدىن بۇيان، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

«بوشلۇقتىكى يايلاق»تىكى توي ئۆرپ-ئادىتى ئويۇنى

7-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئارتىسلار «بوشلۇقتىكى يايلاق» نارات مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرگە قازاق مىللىتىنىڭ توي ئۆرپ-ئادىتى نومۇرىنى ئورۇنلاپ بەرمەكتە. تومۇز ياز كىرىشى بىلەن، كۈنەس ناھىيەسىگە جايلاشقان نارات مەنزىرە رايونى ساياھەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، ساياھەتچى مىقدارىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ياتاق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى. 7-ئاي كىرگەندىن بۇيان، نارات بازىرىدىكى ھەرقايسى مېھمانساراي، ئائىلىۋى مېھمانخانىلاردا قونۇش نىسبىتى سىجىل ئېشىپ، كۈندىلىك قونۇش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %100كە يەتتى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

دەرىجىدىن تاشقىرى قاسقان قاتلىمىسى مەززىلىك تائاملار بايرىمىدا نامايان بولدى

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە 9-نۆۋەتلىك مەززىلىك تائاملار مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، ناھىيە بازىرىدىكى ۋېنبويۈەن مەنزىرە رايونى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاشلىق ئامبىرى قورۇسىدا دىيامېتىرى 2.8 مېتىر كېلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى قاسقان ۋە دىيامېتىرى 1.8 مېتىر كېلىدىغان چوڭ قازانلىق خوگو نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، ئاشپەزلەر قاسقان قاتلىمىسى، يەرلىك خوگو قاتارلىق ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنى ساياھەتچىلەرنىڭ ھەقسىز تېتىپ بېقىشى ئۈچۈن تەييارلىدى.

جاڭ جيەنگاڭ فوتوسى

گۈل دېڭىزىنى سەيلە قىلىش

7-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ جىنيۈ ئېكولوگىيە باغچىسىدىكى «كېپىنەك سۆيگۈسى» باش تېمىسىدىكى گۈل دېڭىزى مەنزىرە نۇقتىسىدا سەيلە قىلماقتا. يېقىندا، چاغانتوقاي ناھىيەسى جىنيۈ ئېكولوگىيە باغچىسى رەسمىي ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، باغچە ئىچىدە كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىنغان «كېپىنەك سۆيگۈسى» باش تېمىسىدىكى گۈل دېڭىزى مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 300 مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، ھازىر ھەر خىل گۈل-گىياھلار بەس-بەستە ئېچىلىپ، ئاجايىپ گۈزەل گۈل دېڭىزىنى شەكىللەندۈرۈپ، چەكسىز گۈزەللىككە تولدى.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى


شامالدا بۇغدايلار دولقۇنلىماقتا

جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى 10 مىڭ مو بۇغدايلىققا بوشلۇقتىن نەزەر (7-ئاينىڭ 27-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).  گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى 10 مىڭ مو بۇغدايلىققا نەزەر سالساق، يىراقتىكى تاغلار قەد كۆتۈرۈپ، يېقىن ئەتراپتىكى بۇغدايلار دولقۇنلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى


تىيانشان مورى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك باغچىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى تىيانشان مورى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك باغچىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر  (7-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). تىيانشان مورى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك باغچىسى  2020-يىلى 1-ئايدا دۆلەت AAAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ رەسمىي باھالانغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 568 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى، جۇڭگودىكى 22-يېزا ئىگىلىك باغچىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يېزا ئىگىلىك باغچىسىدا بىنەم يەر تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى، پېشايۋانلىق ئۆي قۇرۇلۇشى، قازاق كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى قاتارلىق ئادىمىيەت مەنزىرىسى، يەنە قارلىق چوققا قارىغايلىرى، ئېگىز تاغ يايلىقى، قىممەتلىك يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قاتارلىق تەبىئىي ئېكولوگىيە مەنزىرىسى بار بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

سامانيولىدەك چاقناش

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئورقۇ خەلقئارا ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى. تومۇز ياز مەزگىلىدە، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساياھەت تۈرلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئورقۇ خەلقئارا ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. لاگېردىكى ئۆيلەر يۇلتۇزدەك تارقالغان، كۈندۈزى ساياھەتچىلەر تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى ھېس قىلالايدۇ، كېچىدە «سامانيولىدەك چاقنىغان» لاگېردا كاۋاپ يەپ، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى كۆرۈپ، رەڭدار تۇرمۇشنى ھېس قىلالايدۇ.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

موگۇيچېڭ سەپىرى

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ساياھەتچىلەر تۆگىگە مىنىپ دۇنيا موگۇيچېڭى مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا. 7-ئاي كىرگەندىن بۇيان، قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونىغا جايلاشقان دۇنيا موگۇيچېڭى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، ساياھەتچىلەر ساياھەت كىچىك پويىزىغا ئولتۇرۇپ ياكى تۆگىگە مىنىپ گۈزەل يارداڭلىقتىن ھۇزۇرلىنىپ، تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى قانغۇچە ھېس قىلدى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.