چېن مىڭكۈن تۇنساخان ھېلىم موماي بىلەن بىللە.
ئىختىيارىي مۇخبىر ئالىيە ئاقىنباي فوتوسى
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ئالىيە ئاقىنباي
7-ئاينىڭ 31-كۈنى تېخى چۈش بولمايلا، قۇياش زېمىننى ئوتتەك قىزىتىۋەتكەنىدى، غۇلجا ناھىيەسى ئۇچئۇن خۇيزۇ يېزىسى توخۇچىيۈزى كەنتىدىكى 84 ياشلىق تۇنساخان ھېلىم بېشىغا ھۆل قولياغلىق قويغىنىچە كەنت ئاھالە كومىتېتىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
«چۈشتە ئۆيگە تاماققا كېلىڭ، مەن قوي گۆشى دۈملىدىم، سىز ياخشى كۆرىدىغان چامغۇر سالدىم...» كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا كەلگەندە، ئۇ دەرۋازىغا قاراپ بىرنەچچە قېتىم توۋلىغاندىن كېيىن، دەرەخ سايىسىدە تۇرۇپ ئەتراپقا قارىدى. ئۇ پەرەز قىلغىنىدەك، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبە مەھكىمىسىنىڭ توخۇچىيۈزى كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى چېن مىڭكۈن يۈگۈرۈپ چىقتى، «سىز يەنە كەپسىزغۇ، تېلېفون بەرسىڭىزلا بولماسمىدى؟ «يۈرۈڭ، ئۆيگە قايتىپ تاماق يەيمىز!» موماي كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
چېن مىڭكۈن تۇنساخان موماينىڭ ھەر كۈنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان «تۇتۇق ئوغلى». ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، دۈملەنگەن قوي گۆشىنىڭ مەززىلىك پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى. موماي شورپىدىن لىق بىر قاچا ئۇسۇپ چىقتى، قورسىقى ئېچىپ كەتكەن چېن مىڭكۈننىڭ مەززە قىلىپ يەۋاتقانلىقىغا قارىغىنىچە، بىر تەرەپتىن ئۇنى يەلپۈگەچ، بىر تەرەپتىن مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى.
بۇنداق كۆرۈنۈشلەر يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان موماينىڭ ئۆيىدە دائىم كۆرۈلۈپ تۇردى. «ئۇنى كۆرسەملا كۆڭلۈم خاتىرجەم بولىدۇ... » مۇڭدىشىش جەريانىدا، تۇنساخان گەپ باشلىدى.
موماي 2018 ـ يىلىدىكى ھېلىقى قىش كۈنىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. « ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى ياخشى ئەمەس، ئوغلۇم 40 نەچچە ياشقا كىردى، تېخىچە مەن بىلەن بىللە تۇرىدۇ، چىقىپ پۇل تاپايمۇ دېمەيدۇ، دەپ بېقىڭە كىمنىڭ قىزى بۇنداق ئادەمگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ...»
تۇنساخان موماي ئەمەلىيەتنى سۆزلەۋاتاتتى.
2018 ـ يىلى 2 ـ ئايدا ،چېن مىڭكۈن توخۇچىيۈزى كەنتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى بولدى. ئەھۋال بىلەن تېزرەك تونۇشۇش ئۈچۈن، ئۇ ھەر كۈنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ زىيارەت قىلدى. ئۇ تۇنساخاننىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئاغرىپ قالغان موماينىڭ كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى، ئۆينىڭ ھەم قاراڭغۇ، ھەم كونا ئىكەنلىكىنى، ئوچاقتىكى ئوتنىڭ ئۆچۈپ قالايلا دەپ قالغانلىقىنى كۆردى.
چېن مىڭكۈن دەرھال باشقىلارغا دەپ كۆمۈر تېپىپ كېلىپ، ئوتنى تۇتاشتۇردى، ناھايىتى تېزلا ئۆي ئىللىقلىققا تولدى. موماي بىلەن ئوغلى ئەخەتنىڭ ئۆيدىكى بەش ئېشەككە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، يېشى چوڭ ئوغلىنىڭ توي قىلىدىغان لايىق تاپالمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، موماينىڭ كۆزىدىكى ياشنى كۆرۈپ، چېن مىڭكۈننىڭمۇ كۆڭلى يېرىم بولۇپ كەتتى.
ـــ «چوڭ ئانا، خاتىرجەم بولۇڭ، تۇرمۇشىڭىز چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ!» چېن مىڭكۈن ئىختىيارسىز ھالدا موماينى شۇنداق چاقىردى، ئۇ موماينىڭ يۈزىدىكى ياشلىرىنى سۈرتۈپ، قولىنى چىڭ سىقتى. «مەن شۇ چاغدا يۆلەنچۈككە ئىگە بولغاندەك ھېس قىلدىم.» ئىككىيلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن مەنزىرىنى تىلغا ئالغاندا، تۇنساخاننىڭ كۆزلىرى يەنە نەملەشتى.
قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، چېن مىڭكۈن ئۇيان ئۆرۈلۈپ بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىدى. «قانداق قىلغاندا بۇ ئائىلىنى تېزرەك بېيىتقىلى بولىدۇ؟» ئۇ بۇ مەسىلە ئۈستىدە قايتا ــ قايتا ئويلاندى، تاڭ ئاتاي دېگەندە، ئېشەكنىڭ ھاڭرىشى بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر ئوي كەلدى.
«توغرا، ئېشەك!» چېن مىڭكۈن بېشىغا بىرنى ئۇردى، «ئەخەت ئېشەك بېقىشقا ئامراق، ئۇنى ئۆزى ماھىر ئىشنى قىلدۇرايلى».
ئىككىنچى كۈنى، چېن مىڭكۈن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئەخەتنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى، لېكىن ئەخەتنىڭ مەبلىغى يوق ئىدى. غەمكىن ئەخەتنى كۆرۈپ، چېن مىڭكۈن ئۆيىدىكىلەردىن يوشۇرۇنچە 50 مىڭ يۈەن ئېلىپ چىقىپ، ئەخەتنىڭ يېڭىدىن ئېشەك ئېغىلى سېلىشىغا ياردەم بەردى، ئالاقىلىشىپ تەخەي سېتىۋالدى.
چېن مىڭكۈن خاتالاشمىغانىدى، ئەخەت ھەقىقەتەن ئېشەك بېقىشقا ماھىر ئىدى، ئېشەك فېرمىسى ناھايىتى تېزلا كۆلەملەشتى، تەخەيلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، بىرنەچچە يىللىق ئىلمىي باقمىچىلىق ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە ئېشەك فېرمىسىدا 200دىن ئارتۇق ئېشەك بار بولدى، ھەر كۈنى سېتىلىدىغان ئېشەك سۈتىلا 100 كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ، بىر يىللىق ساپ كىرىمى 150 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.
تۇنساخان موماينىڭ كۈنلىرى ياخشىلىنىپ، يېڭى ئۆي سالدى، ئوغلى چىرايلىق بىر خوتۇن ئالدى، بىر ئوغۇل، بىر قىز پەرزەنتلىك بولدى. ئۇ خۇشاللىقىدىن ئۇچرىغانلا ئادەمگە «چېن مىڭكۈن ئائىلىمىزنىڭ شەپقەتچىسى، پۇقرالارنىڭ <بەخت يۇلتۇزى>» دەيتتى.
بېيىغان ئەخەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنتتىكى يېشى چوڭراق، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان ئون نەپەر كەنت ئاھالىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئېشەك بېقىش تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى. ئېشەك فېرمىسىغا كەلگەندىن بۇيان، 58 ياشلىق ئابدۇشۈكۈر قۇربان ھەر يىلى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تېپىپ، ئائىلە شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە، تىرىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. «چېن شۇجى بىزنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆردى، بىز كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئۇنى ئۆز تۇغقىنىمىزدەك كۆرىمىز، ئۇ كۆپچىلىكنى باشلاپ ئالغا قاراپ ماڭسا، كۈنلىرىمىز ياخشىلانماي قالمايدۇ!» دېدى ئابدۇشۈكۈر خۇشال ھالدا.
بۈگۈنكى كۈندە، چېن مىڭكۈننىڭ تۈرتكىسىدە، توخۇچىيۈزى كەنتىنىڭ قىياپىتى گۈزەللەشتى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى كۈچەيدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.