تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا. سۈرەت ⑤ تۆمۈر چوققىسى ئېتىكىدىكى «قېرىنداش كەنت» «ساياھەت تامىقى»نى بىللە يېدى

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى بوز دۆڭ قىرغىز يېزىسىنىڭ شۆيۈەن كەنتىگە نەزەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

   7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى بوزدۆڭ قىرغىز يېزىسىنىڭ شۆيۈەن كەنتىدىكى تاغ يولىدا، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ كەنتكە كىرىۋاتقان ئاپتوموبىللار ساياھەتچىلەرنى تۆمۈر چوققىسى ئېتىكىدىكى شىڭكۇڭ ساياھەت لاگېرىغا ئېلىپ كېتىۋاتاتتى. 
    قاتمۇقات قارلىق چوققىلار بۇلۇتلار ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. «تاغ-دەريا رەسىم كارىدورى تۆمۈر چوققىسى مەنزىرە رايونى»غا جايلاشقان شۆيۈەن كەنتىدە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر چېدىر تىكىپ، مەززىلىك تائاملارنى ئېتىپ، مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، قارلىق چوققىلارنى تاماشا قىلغاچ، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى سۈرەتكە تارتماقتا ئىدى... 
    شۆيۈەن كەنتى ئىلگىرى چارۋا بېقىشنى ئاساس قىلىدىغان كەنتتىن يىراق-يېقىنغا داڭقى پۇر كەتكەن ساياھەت كەنتىگە ئايلاندى، بۇنى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئاقسۇ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە شۆيۈەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، خىزمەت ئەترىتى كەنتكە ياردەملىشىپ «قار مەنبەسى، تاغ-دەريالارنى كۆرۈش، ئارزۇ قاناتلانغان جاي، مەززىلىك ھىد سۆيگۈسى، سۇ مەنبەسى، كۈتۈنىدىغان ياخشى جاي» ساياھەت ماركىسىنى يارىتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى ياخشى قوغداپلا قالماي، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى. 
    شۆيۈەن كەنتىگە ئوخشاشلا، ئاقبۇلاق يايلىقىغا تەۋە بولغان «قېرىنداش كەنت» − ئاقبۇلاق كەنتىمۇ 2021-يىلى ئونسۇ ناھىيەسى مەدەنىيەت-ساياھەت گۇرۇھىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش كەسىپ ھالىتى، كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن قول سېلىپ ئىشلەپ، مەنزىرە رايونىدا خاسلىق بەرپا قىلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇردى. ئىلگىرى ئاقبۇلاق كەنتىدىكى دېھقانلار يەر تېرىش، چارۋا بېقىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. 2017-يىلىدىن كېيىن، كەنتتە ساياھەتچىلىك تەدرىجىي جانلىنىپ، 2021-يىلى ساياھەت ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرىدىغان «تېز پويىز»غا يېتىشىۋالدى، كەنت ئاھالىلىرى يەر تېرىپ، باقمىچىلىق قىلىپ، ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىپ، بېيىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتتى. 
    تۆمۈر چوققىسى ئېتىكىدىكى ئونسۇ ناھىيەسىدە تىيانشان مۇزلۇقى، جىلغا، يايلاق، سۇلۇق يەر، چۆل-باياۋان قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلار بار. 2022-يىلى، ئونسۇ ناھىيەسى ساياھەت كەسپى ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈپ، يۇرتداشلارنى بېيىتتى. 3413 نەپەر دېھقان-چارۋىچىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، 390 نەچچە ئائىلىلىك ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، «ساياھەت قاچىسى»نى چىڭ تۇتۇپ، «ساياھەت تامىقى» يېدى.
 

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى بوز دۆڭ قىرغىز يېزىسىنىڭ ئاقبۇلاق كەنتىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىگە نەزەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

7-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە، ئونسۇ ناھىيەسى بوز دۆڭ قىرغىز يېزىسىنىڭ ئاقبۇلاق كەنتىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىدە، خىزمەتچى خادىملار ساياھەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ، مىللىيچە ئۇسسۇل ئوينىماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئونسۇ ناھىيەسى بوز دۆڭ قىرغىز يېزىسىنىڭ شۆيۈەن كەنتىدە مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

7-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر ئونسۇ ناھىيەسى بوز دۆڭ قىرغىز يېزىسىنىڭ ئاقبۇلاق كەنتىدە چېدىر تىكىدىغان جاي ئىزدىگەچ، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى تاماشا قىلدى.

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى بوز دۆڭ قىرغىز يېزىسى ئاقبۇلاق كەنتىنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىدىكى ياغاچ ئۆي مېھمانخانىسى.

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى بوز دۆڭ قىرغىز يېزىسىنىڭ ئاقبۇلاق كەنتىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىدىن بىر كۆرۈنۈش.

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئونسۇ ناھىيەسى بوز دۆڭ قىرغىز يېزىسىنىڭ شۆيۈەن كەنتى تەۋەسىدىكى تۆمۈر چوققىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا ئالاقىدار بىلىملەرنى ئىگىلىمەكتە.

7-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە، ئونسۇ ناھىيەسى بوز دۆڭ قىرغىز يېزىسى ئاقبۇلاق كەنتىنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىملار ساياھەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

7-ئاينىڭ 24-كۈنى، بوشلۇقتىن تۆمۈر چوققىسى ۋە ئەتراپتىكى تاغ چوققىلىرىغا نەزەر.

7-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر ئونسۇ ناھىيەسى بوز دۆڭ قىرغىز يېزىسىنىڭ ئاقبۇلاق كەنتىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىدە ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ، مېھمانخانىغا كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.