تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا. سۈرەت ⑥ | «قاقاسلىقنى يېشىللىققا پۈركەش چۆللۈكنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش»

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرى ئەشمە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە چۆللىشىشىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى نۇقتىسىدىكى بىر كۆلگە بوشلۇقتىن نەزەر. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت)

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى 

    8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق بازىرى ئەشمە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە چۆللىشىشنى تۈزەش قۇرۇلۇشى نۇقتىسىغا كىرگىنىمىزدە، قاتار-قاتار شىنجاڭ تېرىكى، سۆكسۆك، جىگدىلەر باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، ئىلگىرىكى قۇم بارخانلىرىنىڭ پارچە-پارچە بوستانلىقلار بىلەن قاپلانغانلىقىنى، پارچە-پارچە كۆل ۋە ئورمان، ئوت-چۆپلەر بىلەن بۇ يەرنىڭ ئىستىراھەت، ساياھەت، سەيلە قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىلغانلىقىنى كۆردۇق. 

    ئەشمە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە چۆللىشىشنى تۈزەش تۈرى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بەشىنچى مىليون مولۇق ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى، شۇنداقلا تارىم دەرياسىنىڭ مۇھىم ئېقىن مەنبە  رايونى(ئاقسۇ دەرياسى ۋادىسى)نىڭ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى بىر تارماق تۈر. 

    بۇ يەردە ھاسىلىي سۇ، ئېكولوگىيەلىك سۇ ۋە يېزا ئىگىلىكىدىن قويۇپ بېرىلگەن سۇدىن ئىلمىي، مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، قۇملۇق ساياھەت رايونى، چۆل ئۆسۈملۈكلىرى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش باغچىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەتراپتىكى ساياھەت نۇقتىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئويلىشىلغان بولۇپ، قۇمنى تىزگىنلەش بىلەن بېيىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن. 

   2021-يىلى تۈر يولغا قويۇلۇپ، پۈتۈن يىلدا 12 مىڭ 300 مو يەر سۈنئىي كۆكەرتىلدى؛ 2022-يىلى 41 مىڭ 500 مو يەرنى سۈنئىي كۆكەرتىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ يىل ئەتىيازدا 18 مىڭ 100 مو يەرنى كۆكەرتىش تاماملاندى، ئاساسلىق دەرەخ تۈرلىرىدە توغراق، سۆكسۆك، شىنجاڭ تېرىكى ئاساس قىلىنغان. بىڭتۇەن 1-شى 1-تۇەنىدىن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق بازىرىغىچە بولغان تاشيولنىڭ ئىككى ياقىسىدا 1600 مو يەرگە كۆچەت تىكىش تاماملىنىپ، جەمئىي 140 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەر تۈزۈلۈشى، يەر شەكلىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدا، قۇم بارخانلىرىدا تېمىتىپ سۇغىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق 7500 مو يەردە ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسى تاماملاندى. 

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرى ئەشمە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە چۆللىشىشىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى نۇقتىسىدا، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىسى راخمان ئەمەر (سولدا) بىلەن خاسىيەتخان ئىمىر (ئوڭدا) ياۋا ئوتلارنى ئوتىماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى 

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئاپتوموبىل بىلەن ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرى ئەشمە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە چۆللىشىشىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى نۇقتىسىنى كۆزەتمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى 

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرى ئەشمە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە چۆللىشىشىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى نۇقتىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى 

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرى ئەشمە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە چۆللىشىشىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى نۇقتىسىدىكى سۇ ساقلاش كۆلچىكىگە بوشلۇقتىن نەزەر. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت)

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى 

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرى ئەشمە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە چۆللىشىشىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى نۇقتىسىدا، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىسى راخمان ئەمەر (سولدا) بىلەن خاسىيەتخان ئىمىر (ئوڭدا) ياۋا ئوتلارنى ئوتىدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى 

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئاقسۇ شەھەرلىك پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدا ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە، بۇ يەردىكى ھاسىلىي سۇ تۇرۇبا يولى ۋە ئۆستەڭ ئارقىلىق ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرى ئەشمە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە چۆللىشىشىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى نۇقتىسىغا باشلاپ كېلىنىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى تېمىتىپ سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى 

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئاقسۇ شەھەرلىك پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدا ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە، بۇ يەردىكى ھاسىلىي سۇ تۇرۇبا يولى ۋە ئۆستەڭ ئارقىلىق ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرى ئەشمە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە چۆللىشىشىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى نۇقتىسىغا باشلاپ كېلىنىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى تېمىتىپ سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى 

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىزمەتچى خادىم ئاقسۇ شەھەرلىك پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدا چارلاپ تەكشۈرمەكتە، بۇ يەردىكى ھاسىلىي سۇ تۇرۇبا يولى ۋە ئۆستەڭ ئارقىلىق ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرى ئەشمە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە چۆللىشىشىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى نۇقتىسىغا باشلاپ كېلىنىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى تېمىتىپ سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى 

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.