تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئالاھىدە پىروگراممىسى «ناھىيە بازىرىغا كىرىپ تەرەققىياتنى كۆرۈش — شىنجاڭ تېكەس» 8-ئاينىڭ 5-كۈنى كۆپ سۇپىدا كۆرسىتىلىدۇ

 شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان تېكەس ناھىيەسى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرى بازار مەركىزىدىكى گۈللۈكنى مەركەز قىلغان بولۇپ، سىرتقا قاراپ سوزۇلغان سەككىز كوچا تۆت ئايلانما يول بىلەن كېسىشىپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە «سەككىز قىرلىق قۇرۇلما»نى شەكىللەندۈرگەن. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تېكەس ناھىيەسى ئېكولوگىيەگە كۈچ سەرپ قىلىپ، «ئېكولوگىيە كەسپى»نىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈردى، شۇ جايدىكى پۇقرالار ئېكولوگىيەگە تايىنىپ گۈللىنىشنى جانلىق ئەمەلدە كۆرسەتتى. 2020-يىلى، تېكەس ناھىيەسىگە ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 4-تۈركۈمدىكى دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك شەھەر-ناھىيە دەپ نام بېرىلدى.

تېكەس ناھىيە بازىرى

  تېكەس ناھىيەسىدە يەنە قارلىق تاغ ـ مۇزلۇقلار، ئېگىز تاغ ئورمانلىقى، رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلغان ئوتلاق قاتارلىق كۆپ خىل يەر شەكلى مۇجەسسەملەنگەن دۇنيا تەبىئىي مىراسى «قاراجون» يايلىقى بار، يەنە «جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىدىكى داڭلىق كەنت» چوڭقۇشتاي كەنتى بار بولۇپ، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل مەنزىرە نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

دولقۇنسىمان قاراجون يايلىقى

   8-ئاينىڭ 5-كۈنى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «ناھىيە بازىرىغا كىرىپ تەرەققىياتنى كۆرۈش» ناملىق ئالاھىدە پىروگراممىسى تېكەس ناھىيەسىگە كىرىپ، بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلىدىكى جۇشقۇنلۇقنى ھېس قىلدۇرۇپ، تېكەس ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەرەققىيات يولىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

  كۆرسىتىلىدىغان ۋاقىت ۋە سۇپىلار

  8-ئاينىڭ 5-كۈنى

  سائەت 10دا CCTV-13 قانىلىنىڭ «بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدىغان خەۋەرلەر» پىروگراممىسى

  سائەت 10دا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ يېڭى تاراتقۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىشى

  سائەت 11دا مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «جۇڭگو ئاۋازى» پىروگراممىسى

   مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى سىن سۇپىسى شىنجاڭ باش پونكىتىنىڭ سىن نومۇرى  

تېكەس ناھىيە بازىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى

  (مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى: تيەن تۇڭ، ليۇ فېي، جياڭ شۆجياۋ، بۇ پېڭ، ۋېن چى، لى خاڭ، ئارمان، گو پېييۈ، ۋاڭ جېن، شۈي جېڭ، زەنسو نەنداجيې، تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

مەنبە: مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.