8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسى جۇڭگو تەرەپنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، جۇڭگو تەيۋەن رايونىغا تىمىسقىلاپ باردى. بۇ قىلمىش بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو - ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەنلىك بولۇپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان ئېغىر، زور سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ.
دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت. تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى. بىز جۇڭگونى پارچىلايدىغان بارلىق سۇيىقەست ۋە قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىگە ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە تەيۋەن مەسىلىسىگە قول تىقىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. جۇڭگو جەزمەن بىرلىككە كېلىدۇ، شۇنداقلا مۇقەررەر بىرلىككە كېلىدۇ، بۇ، توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش. ھەرقانداق كىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداشتىن ئىبارەت كۈچلۈك غەيرىتى، قەتئىي ئىرادىسى، قۇدرەتلىك ئىقتىدارىنى سەل چاغلىمىسۇن!
تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ سەزگۈر يادرولۇق مەسىلە. بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەن مەسىلىسىدە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ قېتىم ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا تەرەپنىڭ يېقىندىن بۇيانقى بىر قىسىم سۆز - ھەرىكەتلىرى بۇنىڭغا زىت بولدى. بىز ئامېرىكا تەرەپنى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونى بىلەن بولغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت تەرەپ ئالاقىسىنى توختىتىشقا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ھەرقانداق خاتا سىگنال تارقاتماسلىققا، خەتەرلىك يولدا ماڭغانسېرى يىراقلاپ كەتمەسلىككە دەۋەت قىلىمىز. تارىخ ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان، تەيۋەن مەسىلىسىنى دەستەك قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق خاتا قىلمىش جەزمەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ، مۇقەررەر ئۆز بېشىغا چىقىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)