تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە تىمىسقىلاپ بارغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسى جۇڭگو تەيۋەن رايونىغا تىمىسقىلاپ باردى. بۇ، تەيۋەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ تىل بىرىكتۈرۈش دەرىجىسىنىڭ تېخىمۇ ئۇلغايغانلىقى بولۇپ، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ، ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر. بۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو - ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىق، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بەرگەن كەسكىن سىياسىي ۋەدىسىگە ۋاپاسىزلىق قىلغانلىق بولۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خاتا سىگنال تارقاتقانلىق. بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ۋە بۇنىڭغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىمىز.

دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى. تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەن مەسىلىسىدە كەينى - كەينىدىن خاتا سۆز - ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، تەيۋەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئالاقە قاتلىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەيۋەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى تىل بىرىكتۈرۈشىنى زورايتىپ، تەيۋەنگە ئۈزلۈكسىز قورال سېتىپ بېرىپ، تەيۋەننىڭ «قورال كۈچى ئارقىلىق بىرلىككە كېلىشكە قارشى تۇرۇش»ىغا يانتاياق بولدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەيۋەنگە ئالاقىدار خاتا سۆزلەرنى ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، تەيۋەنگە چېتىشلىق كۆپلىگەن پاسسىپ قارالمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۇسۇلى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى بۇرمىلاپ ۋە ئۇنىڭ ئۇلىنى كولاپ، «تەيۋەن قارتىسى»نى ئويناش، «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش»قا ئۇرۇنغانلىق، جۇڭگونىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىق. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئۆتكۈزگەن ئېغىر خاتالىقنى ئۆزگەرتمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئىتتىپاقداشلىرىنى يەنىمۇ ئۆز يېنىغا تارتىپ، شايكا توپلاپ «تەيۋەن قارتىسى»نى ئويناپ، خەلقئارادا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 2758 - نومۇرلۇق قارارىغا ھە دەپ ھۇجۇم قىلىپ، «تەيۋەننىڭ ئورنى تېخى بېكىتىلمىدى» دېگەن بىمەنە سەپسەتىنى تارقىتىپ، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئۇرۇندى.

«تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكى ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپ. مىنجىنداڭ دائىرىلىرى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» خاتا مەيدانىدا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، ئامېرىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونى چەكلەشتىكى ئۇرۇقى بولۇشقا رازى بولدى، شۇنداقلا «مۇستەقىل» بولۇشنى كۆزلەپ تەپتارتماستىن ئىغۋاگەرچىلىك تۇغدۇردى. بۇ، پۈتۈنلەي ۋەزىيەتكە خاتا ھۆكۈم قىلغانلىق، چوتنى خاتا سوققانلىق! ئۇلار شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا جاھىللىق بىلەن خىرىس قىلىپ، «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش»نى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ قارشىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جاھىللىق بىلەن «ئامېرىكىغا تايىنىپ مۇستەقىل بولۇشنى كۆزلىدى». مىنجىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ «مۇستەقىل» بولۇشنى كۆزلەش قىلمىشى ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئىتىگە ساتقىنلىق قىلىشتەك ئامېرىكا بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ھەرىكىتى تەيۋەننى ئاپەت گىردابىغا ئىتتىرىپ، كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، خالاس.

ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاللىقاچان ئەكسىگە قايتۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. ۋەتەن جەزمەن بىرلىككە كېلىدۇ، شۇنداقلا مۇقەررەر بىرلىككە كېلىدۇ. بۇ، ئامېرىكا تەرەپتىكى جۇڭگوغا قارشى بىر قىسىم جاھىل كۈچلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئەمەس، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ خام خىيالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى پۇرسەت ۋە ۋەزىيەتنى بىز باشتىن - ئاخىر قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇپ كەلدۇق. ئامېرىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ۋە تەيۋەن مىنجىنداڭ دائىرىلىرى مەيلى قانداق ھەرىكەت قوللىنىشىدىن قەتئىينەزەر، تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. پېلوسى ئېقىمىدىكىلەر مەيلى قانداق شەكىلدە «تەيۋەننى قوللاپ جۇڭگونى چەكلىمەكچى» بولغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش تارىخى مۇساپىسىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

بىز ئامېرىكا تەرەپنى تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ تارىخىي ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ بىر جۇڭگوغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىدەك پاكىت ۋە ھازىرقى ھالەتنى ئېنىق تونۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىغا ئەمەل قىلىپ، خاتا يولدا تېيىلغانسېرى يىراقلاپ كەتمەسلىككە دەۋەت قىلىمىز. بىز مىنجىنداڭ دائىرىلىرىگە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» سۇيىقەستىدىن ئۈزۈل - كېسىل ۋاز كېچىشنى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»دىن ئىبارەت ھالاكەت يولىدا مېڭىۋەرمەسلىكنى رەسمىي يوسۇندا ئۇقتۇرىمىز. ئۇنداق بولمايدىكەن، «مۇستەقىل» بولۇشنى كۆزلەيدىغان ھەرقانداق قىلمىش جۇڭگو خەلقىنىڭ «مۇستەقىل» بولۇشقا قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچى ئاستىدا كۇكۇم - تالقان بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.