تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتى

8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسى جۇڭگو تەرەپنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى ۋە كەسكىن سۆزلىشىشىگە قارىماي، جۇڭگو تەيۋەن رايونىغا تىمىسقىلاپ بېرىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو - ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ئېغىر دەرىجىدە زەربىگە ئۇچراتتى، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى - تەرۇز قىلدى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خاتا سىگنال تارقاتتى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى ۋە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى.

دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت. 1971 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 2758 - نومۇرلۇق قارارىدا بۇ ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. 1949 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، 181 دۆلەت بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانى.

1979 - يىلى، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو - ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئاخباراتىدا ئېنىق مۇنداق ۋەدە بەرگەن: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇ دائىرىدە ئامېرىكا خەلقى تەيۋەن خەلقى بىلەن مەدەنىيەت، سودا ۋە باشقا غەيرىي ھۆكۈمەت تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ساقلايدۇ.» ئامېرىكا پارلامېنتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى، جۇڭگو تەيۋەن رايونى بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپ ئىشلىرى بويىچە ھېچقانداق ئالاقە قىلماسلىقى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەزەلدىن ئامېرىكا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ جۇڭگو تەيۋەن رايونىغا تىمىسقىلاپ بېرىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلدى، ئامېرىكا مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئۇنى توسۇش مەسئۇلىيىتى بار. ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ھازىرقى رەھبىرى، ئۇ ھەرقانداق شەكىلدە ھەرقانداق سەۋەب بىلەن تەيۋەنگە بېرىپ پائالىيەت ئېلىپ بارسا، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئالاقىسىگە ئالاقىدار ئېغىر، زور سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈۋېتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايدۇ.

تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ يادرولۇق، ئەڭ سەزگۈر مەسىلە. ھازىر تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك جىددىي ۋە كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب تەيۋەن دائىرىلىرى ۋە ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھازىرقى ھالەتنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتكەنلىكىدە. تەيۋەن دائىرىلىرى قايتا - قايتا «ئامېرىكىغا تايىنىپ مۇستەقىل بولۇش»قا ئۇرۇنۇپ، «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش»نى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ، ھە دەپ «جۇڭگوچىسىزلاشتۇرۇش» بىلەن شۇغۇللىنىپ، «تەدرىجىي ئىلگىرىلەش شەكلىدىكى تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى يۈرگۈزدى. ئامېرىكا تەرەپ «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش»قا ئۇرۇنۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى ئۈزلۈكسىز بۇرمىلاپ، مەۋھۇملاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ ئۇلىنى كولاپ، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە يانتاياق بولدى، قۇتراتقۇلۇق قىلدى. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان ئوت بىلەن ئوينىشىش ھەرىكىتى بولۇپ، ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل بىردەك. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداش 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى. خەلق رايىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ، چوڭ يۈزلىنىشنى ئەكسىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ. ھەرقانداق دۆلەت، ھەرقانداق كۈچ ۋە ھەرقانداق كىشى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداش، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كۈچلۈك غەيرىتى، قەتئىي ئىرادىسى ۋە قۇدرەتلىك ئىقتىدارىنى خاتا مۆلچەرلىمەسلىكى كېرەك. ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى باشلىقىنىڭ جۇڭگو تەيۋەن رايونىغا تىمىسقىلاپ بېرىشىغا قارىتا، جۇڭگو تەرەپ مۇقەررەر ھالدا بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە جەزمەن ئامېرىكا تەرەپ ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، چىقىشىپ ئۆتۈشنىڭ توغرا يولى بولسا پەقەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، قارشىلىشىشتىن ساقلىنىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتۇر. تەيۋەن مەسىلىسى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، باشقا ھەرقانداق دۆلەتنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە رېپېرلىق قىلىش ھوقۇقى يوق. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنى «تەيۋەن قارتىسى»نى ئويناپ «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىشقا، تەيۋەن ئىشلىرىغا قول تىقىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنى ھەر خىل شەكىلدە قوللاپ مەيلىگە قويۇۋېتىشنى توختىتىشقا، تەيۋەن مەسىلىسىدە دېگىنى بىلەن قىلغىنى بىردەك بولماسلىقنى توختىتىشقا، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى بۇرمىلاش، مەۋھۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۇلىنى كولاشنى توختىتىشقا، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو - ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئامېرىكا رەھبىرى ئوتتۇرىغا قويغان «تۆتنى قىلماسلىق، بىردىن ساقلىنىش» ۋەدىسىنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خاتا ۋە خەتەرلىك يولدا ماڭغانسېرى يىراقلاپ كەتمەسلىككە كەسكىن دەۋەت قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.