تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئۇزۇن مۇساپىنى باشتىن كەچۈرۈپ، پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ، يەلكەن چىقىرىپ كەلگۈسىگە ئاتلىنىش. ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى پىكىر يولى، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، داۋاملىق تۈردە <بەشنى بىر گەۋدە قىلىش> ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، <تۆت ئومۇميۈزلۈك> ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشىمىز كېرەك».

تاغ - دەريالار گۇۋاھ بولدى، يىللار ھەممىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەش دۆلىتىمىزنى زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بۇ بىپايان، كەڭ زېمىندا ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى ھەيۋەتلىك گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى سىزىپ چىقتى، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، دەۋرنىڭ ئارقىسىدا قېلىش، دەۋرگە يېتىشىۋېلىشتىن دەۋرنى يېتەكلەشكىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان، ئىنتايىن تەسىرلىك ئۇلۇغ تارىخىي دىرامىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك تارىخىي داستاننى پۈتتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەكسىگە قايتۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. بۈگۈن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىر مەيدان كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىشتىن ئىبارەت: 2020 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ 2035 - يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۆلىتىمىزنى باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش. پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىككى قەدەملىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ماكرو جەھەتتىن نەزەر سېلىپ، كەلگۈسى بەش يىل، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسى ۋە زور سىياسەت - فاڭجېنىنى ئىلمىي پىلانلايدۇ. بۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، پارتىيەنىڭ يېڭى مۇساپىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈشى، قانداق يولدا مېڭىشى، قانداق روھىي ھالەتنى ساقلىشى، قانداق نىشانغا قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق جاكارلاش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. كەلگۈسى بەش يىل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئىش باشلاش، قەدەم ئېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، بۇ بەش يىلدىكى تەرەققىياتنى ياخشى قىلىش ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرمەكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، جەزمەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى دادىل ئېلىپ بېرىپ، تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلىش كېرەك.» ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بار، پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا پۇرسەت خىرىستىن كۆپ. ھەقىقەت يولى ئاددىي، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر بايان قىلىپ چۈشەندۈرگەن يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر بايان قىلىپ ئىزاھلىغان كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ زور سىياسەت - فاڭجېنى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىكنى ساقلاپ، ئىشەنچ ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە باتۇرلۇق بىلەن تىرىشىپ ئالدىدا مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت پارلاق ئىستىقبالغا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

«سۇمۇرغ ئۇچار ھامان بىر كۈن شاماللارغا جور بولۇپ، پەرۋاز قىلار ئاسماندا ھەيۋەت بىلەن قانات قېقىپ.» زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تاغ - دەريالىرى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل، خەلقى مەردانە، ئىستىقبالى پارلاق، پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە، بۇ، بىزنىڭ ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا بىزنىڭ غەيرىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەتئىيلىكنى ساقلاپ، تارىخىي بۇرچنى داۋاملىق زىممىمىزگە ئېلىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، بوران - چاپقۇنغا پىسەنت قىلماي ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.