ھازىر، دەل كېۋەز غوزەكلەيدىغان مەزگىل، شۇنداقلا ئېتىز پەرۋىشىنىڭ مۇھىم مەزگىلى. 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىنىڭ دېمىن تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىدا، يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەزالىرىنىڭ ئۆسۈملۈك ئاسرايدىغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئىشلىتىپ كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كېۋەزدىن مول ھوسۇل ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىل، شايار ناھىيەسىدە 1 مىليون 868 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىلدى، ھازىر كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى، ئېتىز پەرۋىشى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا، مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ياكى ئاخىرلىرىدا ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىرىدىكەن.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» تورىدىن تەرجىمە قىلىندى