تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپلا قالماي، يېزا-كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

    7-ئاينىڭ 20-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىنىڭ ئۇلان جېكسېن يېزىسىدىكى باغراش كۆلى گۈل دېڭىزىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى. باغراش كۆلى گۈل دېڭىزى باغراش ناھىيەسىنىڭ ئۇلان جېكسېن يېزىسىنىڭ ئۇلان جېكسېن كەنتىگە جايلاشقان، باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونى بىلەن قوشنا بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى دېھقان ئائىلىلىرى يېزا-كەنت ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تايىنىپ، ئىشىكى ئالدىدىلا ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.