يېقىندا، خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىسىنىڭ ئاياغ ساياتلا كەنتىدىكى قىرما ياغاچ بۇيۇملىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتىدا، 49 ياشلىق ياغاچ ئويما ھۈنىرى ۋارىسى مەتتۇرسۇن ئىسلام ياغاچ ئويما مەھسۇلاتلىرىنى ياسىماقتا. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ياغاچ ئويما ھۈنىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بولۇپ، مەتتۇرسۇن 4-ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلغۇچى. 2013-يىلى، ئۇ كەنتتە قىرما ياغاچ بۇيۇملىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، 20دىن ئارتۇق كىشىنى زاۋۇتقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن زاۋۇتنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىمەن، ئەتراپىمدىكى كىشىلەر بىلەن بىللە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تۈرتكە بولىمەن.»
مەتتۇرسۇننىڭ خىزمەتخانىسىغا نۇرغۇن ياغاچ ئويما ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى تىزىلغان.
مەتتۇرسۇن ئۆزى ياسىغان ياغاچ ئويما چۆگۈننى كۆرسەتمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى