تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى ئىشىكى ئالدىدىلا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى

   7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى يەنجى گۇاڭشيۇ كىيىم ـ كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئالدىراش مەنزىرە ھاسىل بولغان بولۇپ، كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ «تاراق ـ تاراق» قىلغان ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئىشچىلار دەزماللانغان 500 يۈرۈشتىن ئارتۇق كىيىمنى يەشىككە قاچىلاپ، ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلارغا توشۇشقا تەييارلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، تاغار قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. 

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.