تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.» ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، ھاسىل قىلىنغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈشكە ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن باشلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. ئون يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى. ئون يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدۇق. ئون يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنى مىسلىسىز مۇجەسسەملەپ، ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەكسىگە قايتۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە كىردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بۇ ئون يىلدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى، پارتىيە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكى، زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە مۈشكۈللۈكى دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ، تارىختا ئاز كۆرۈلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزمچى سىياسىيونلارغا، مۇتەپەككۇرلەرگە، ئىستراتېگىيەچىلەرگە خاس يۈكسەك جاسارەت، يىراقنى كۆرەرلىك، ئۇلۇغ ئىرادە ۋە دانا تەدبىر بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دەل ۋاقتىدا مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىر قاتار ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەتنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن زور ئىشلار، مۇھىم ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، سىياسىي، ئىقتىساد، ئىدېئولوگىيە، تەبىئەت دۇنياسى قاتارلىق تەرەپلەردىن كەلگەن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسى، بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى، خەلقچىللىق ھېسسىياتى، رەھبەرلىك سەنئىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل بولۇشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغانلىقىدا.

قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جاسارەتكە باغلىق، ئېگىز تاغلارنىڭ ھەيۋىتى چوققىسىغا باغلىق. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىنى قەتئىي قوغداش پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور پەيتتە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كەسكىن تاللاش چىقىرىشىدىكى ئاچقۇچ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم كاپالەت. پارتىيە يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى تىكلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، قاراش، ئۇسۇلدا ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىزنىڭ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىزدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچىمىز، پەقەت پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدىغاندىلا، بىز چوقۇم پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك سىياسىي ئۇيۇشۇش كۈچىگە، تەرەققىيات ئىشەنچىگە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز، چوقۇم ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلارنى يېڭىپ، قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشىمىزنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز!

يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، بىزنىڭ داۋاملىق ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش - تاپشۇرالماسلىقىمىزدىكى ئاچقۇچ مۇستەھكەم تارىخىي ئىشەنچىمىزنىڭ بار - يوقلۇقىدا. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي ئىشەنچى ھەم كۈرەش مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە بولغان ئىشەنچ، شۇنداقلا كۈرەش روھىغا بولغان ئىشەنچتۇر. قەلبىمىزگە پۇقرالارنى پۈكتۇق، قولىمىزدا ھەقىقەتنى تۇتتۇق، جاھاندىكى توغرا يولدا ماڭدۇق، ئىشەنچىمىز تولۇق، كۈچىمىز يېتەرلىك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى دەۋر شان - شەرىپىنى يارىتىپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.