تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا . سۈرەت②丨 سۇنى تىزگىنلەش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ھەممە كەسىپلەرنى روناق تاپقۇزۇش

  7-ئاينىڭ 27- كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ كاچۇڭ يېزىسى تۆۋەن قارايانتاق كەنتىگە جايلاشقان يەكەن دەرياسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش چوڭ توسمىسى ۋە ئىقتىسادىي ئورمان (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)غا بوشلۇقتىن نەزەر.

 ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  يەكەن دەرياسى ئېقىن رايونى شىنجاڭدىكى 1- چوڭ سۇغىرىش رايونى بولۇپ، 1985- يىلىدىكى 1- قېتىملىق ئېقىن رايونى يىرىك پىلانىدىن كېيىنكى 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، تۈرلۈك سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش، سۇ بايلىقىنى ئىلمىي پىلانلاپ پايدىلىنىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، سۇغىرىش رايونىنىڭ ئەمەلىي كۆلىمى 5 مىليون 228 مىڭ مودىن 9 مىليون 440 مىڭ موغا كېڭەيدى.

  يېقىنقى ئۈچ يىلدا، يەكەن دەرياسى ئېقىن رايونىدا ھەر مو يەرنى ئوتتۇرىچە سۇغىرىش قېتىم سانى 4.5 قېتىمغا يېتىپ، سۇغىرىش رايونىدىكى بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، باغ- ئورمان، قوغۇن- تاۋۇز، كۆكتات ھەم باشقا زىرائەتلەرنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، سۇغىرىشقا تايىنىدىغان دېھقانچىلىقتا مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش سۇ بايلىقى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى.

  7- ئاينىڭ 27- كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ كاچۇڭ يېزىسى تۆۋەن قارايانتاق كەنتىگە جايلاشقان يەكەن دەرياسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش چوڭ توسمىسى ۋە ئىقتىسادىي ئورمىنى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)غا بوشلۇقتىن نەزەر.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

7- ئاينىڭ 27- كۈنى، يەكەن دەرياسى ئېقىن رايونى سۇغىرىش رايونىدىكى بىر ئۆستەڭ يەكەن ناھىيەسى ئارسلانباغ يېزىسىنىڭ گۈزە كەنتىدىن ئېقىپ ئۆتمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى  

  7- ئاينىڭ 27- كۈنى، يەكەن دەرياسى ئېقىن رايونى سۇغىرىش رايونىدىكى بىر ئۆستەڭ يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئارسلانباغ يېزىسى گۈزە كەنتىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، كەنت بېشىدىكى سۇ چىغرىقىنى ئايلاندۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

7- ئاينىڭ 27- كۈنى، خىزمەتچى خادىملار يەكەن ناھىيەسىنىڭ خېدۇڭ تەۋەلىك رايونى سۇ بىلەن تەمىنلەش زاۋۇتىنىڭ سۇ بىر تەرەپ قىلىش سېخىدا چارلاپ تەكشۈرمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  7- ئاينىڭ 27- كۈنى، شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنىنىڭ يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئارسلانباغ يېزىسى گۈزە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى يې جيەنخۇڭ (ئوتتۇرىدا) ئېتىزدا تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ لازىنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  7- ئاينىڭ 27- كۈنى، يەكەن ناھىيەسى ئارسلانباغ يېزىسى گۈزە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پاتىمە مەمتىمىن (ئوتتۇرىدا) ئۆزى تېرىغان سەبدەگۈلنى سېتىش ئۈچۈن خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلاشماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  7- ئاينىڭ 27- كۈنى، يەكەن ناھىيەسى ئارسلانباغ يېزىسى گۈزە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەكبەر ئىمىن (ئوڭدا) ئېتىزدا كۆممىقوناق پەرۋىش قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.