تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

تۆگىقۇش باقمىچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى

7- ئاينىڭ 29- كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى گاۋچياۋ كەنتىدىكى كېشياڭ تۆگىقۇش باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپىدا چوڭ بولىۋاتقان تۆگىقۇش چۈجىلىرى. بۇ ھەمكارلىق كوپېراتىپى «پارتىيە قۇرۇلۇشى+بازا+دېھقانلار ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بېقىش تەننەرخى تۆۋەن، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى بولغان تۆگىقۇش باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «تۇخۇم باستۇرۇش ـ بېقىش ـ پىششىقلاش ـ سېتىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بازىسى قۇرۇپ، تۆگىقۇش گۆشى ۋەنزىسى، تۆگىقۇش مويى قاتارلىق تۆگىقۇش مەھسۇلاتلىرىنى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارغا ساتتى. نۆۋەتتە، بۇ ھەمكارلىق كوپېراتىپىدا 2000دىن ئارتۇق تۆگىقۇش بېقىلىۋاتىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليون يۈەندىن ئاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. 

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى


7- ئاينىڭ 29- كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى گاۋچياۋ كەنتىدىكى كېشياڭ تۆگىقۇش باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىسى تۆگىقۇش قوتىنىنىڭ ئەتراپىدىكى ئوت- چۆپلەرنى ئادالىماقتا. 

 ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

7- ئاينىڭ 29- كۈنى، ساياھەتچى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى گاۋچياۋ كەنتىدىكى كېشياڭ تۆگىقۇش باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپىدا تۆگىقۇش تۇخۇمى سېتىۋالماقتا.

  ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

7-ئاينىڭ 29- كۈنى، ساياھەتچى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى گاۋچياۋ كەنتىدىكى كېشياڭ تۆگىقۇش باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپىدا تۆگىقۇشقا يەم بېرىشنى ھېس قىلماقتا.

  ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

7- ئاينىڭ 29- كۈنى، ساياھەتچى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى گاۋچياۋ كەنتىدىكى كېشياڭ تۆگىقۇش باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپىدا تۆگىقۇش تۇخۇمى سېتىۋالماقتا.
ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى 

7- ئاينىڭ 29- كۈنى، ساياھەتچىلەر قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى گاۋچياۋ كەنتىدىكى كېشياڭ تۆگىقۇش باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپىدا تۆگىقۇش تۇخۇمى سېتىۋالماقتا.

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.