7-ئاينىڭ 31-كۈنى، 2022-يىللىق ئالتاي تۇنجى نۆۋەتلىك «شۆدۇ لوڭقىسى» پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە دالىدا تاغ ۋېلىسىپىتى مىنىش تەكلىپ مۇسابىقىسى ئالتاي شەھىرىدە قىزغىن باشلاندى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 210 نەپەر ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقە مودا، ساغلام، يېشىل، مۇھىت قوغدايدىغان، ئالغا ئىنتىلىدىغان تۇرمۇش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ «تەنتەربىيە + ساياھەت» چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، «تەنھەرىكەت شەھىرى ھاياتىي كۈچكە تولغان شەھەر» ئالتاي شەھىرىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
مەنبە: ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
(ئىختىيارىي مۇخبىرلار تيەن دۇڭ، زاڭغار بولات)