تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بىرلىك سەپ پارتىيەنىڭ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى.

مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، 100 يىللىق بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان بىرلىك سەپ خىزمىتىدە شەكىللەنگەن يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى سىستېمىلىق بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسىي ۋەزىپە، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى، سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە، ماركسىزملىق ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان بىر پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىل پارتىيەمىز بىرلىك سەپ سىياسىتىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. پارتىيە باشتىن ـ ئاخىر بىرلىك سەپنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئەڭ كەڭ بىرلىك سەپنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان كۈچلەرنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملىدى. پارتىيەنىڭ باش لۇشيەنى ۋە باش سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرلىك سەپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىللىرىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئالاقىدار مۇھىم قانۇن ـ نىزام، ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يىغىنلارنى ئېچىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن بىرلىك سەپ خىزمىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ئاچقۇچلۇق ھالقا چىڭ تۇتۇلغاندىلا، باشقا ھالقىلارغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىرلىك سەپ ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىش باش تېمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى، مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، بىرلىك سەپتە ئىتتىپاقلىشىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يول ئېچىش، جانلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى. يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدا.

نەزەرىيە ئەمەلىيەتنىڭ باشلامچىسى، ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول كۆرسەتكۈچىسى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەنى شەكىللەندۈردى، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاساسلىقى − جەزمەن بىرلىك سەپنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك، جەزمەن كىشىلەر قەلبى ۋە كۈچ مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك، جەزمەن بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك، جەزمەن جۇڭگونىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشىمىز كېرەك، جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، جەزمەن پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك، جەزمەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك، جەزمەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە مەملىكەت سىرتى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك، جەزمەن پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىل زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، جەزمەن بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قانۇنىيىتىنى ئىگىلىشىمىز كېرەك، جەزمەن پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ بىرلىك سېپىنىڭ 100 يىللىق تەرەققىيات تارىخىدىكى ئەقىل ـ پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيەمىزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ تۈپ كۆرسەتكۈچى. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش، بىلىش، ئىشىنىش ۋە قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئىتتىپاقلىق تۆمۈر، ئىتتىپاقلىق پولات، ئىتتىپاقلىق كۈچ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرى بىر نىيەتتە ئويلايدىغان، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى توپلىشىمىز كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە داۋاملىق يېڭى سەھىپىلەرنى پۈتۈپ، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.