تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە، پۈتۈن پارتىيە جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك».

7 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن مۇھىم سۆز قىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، ھازىرقى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلدى، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر بايان قىلدى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ زور سىياسەت - فاڭجېنى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېپيېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈشكە زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى ۋە سەپەرۋەر قىلدى.

پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، كەلگۈسى بەش يىل، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسى ۋە زور سىياسەت - فاڭجېنىنى ئىلمىي پىلانلايدۇ، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرە كەڭ، ئىچكى خاس مەزمۇن مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، باشتىن - ئاخىر ماركسىزم ئىدىيەسىنىڭ شانلىق نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە، يېتەكلەشچانلىققا ئىگە بولۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن مۇھىم سىياسىي ئاساس، ئىدىيەۋى ئاساس، نەزەرىيەۋى ئاساس سېلىپ بەردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن باشلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. ئون يىلدىن بۇيان، بىز خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ زور دولقۇنىغا دۇچ كەلدۇق، بەزىدە ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كەينى - كەينىدىن يۈز بەردى، ئۇنىڭ مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى مىسلىسىز بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىگىلەپ، ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.

بايراق يۆنىلىشنى كۆرسىتىدۇ، يۆنىلىش يولنى بەلگىلەيدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيەمىز 100 يىللىق كۈرەش داۋامىدا باشتىن - ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىدىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا يول ئۈستىدە ئىزدەندى ۋە ئۇنى شەكىللەندۈردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ بارلىق نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ باش تېمىسى، پارتىيە ۋە خەلق مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور بەدەل تۆلەپ قولغا كەلتۈرگەن تۈپ مۇۋەپپەقىيەت. قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا، پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، جەمئىيەت مەدەنىيلىكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى ياراتتى. پاكىت شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىلمىي سوتسىيالىزم نەزەرىيە لوگىكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى تارىخىي لوگىكىسىنىڭ دىيالېكتىكىلىق بىرلىكى، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقان، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، جۇڭگو ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان ئىلمىي سوتسىيالىزم، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدى ۋە داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، جۇڭگونى پەقەت سوتسىيالىزملا قۇتقۇزالايدۇ، جۇڭگونى پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغاندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرمەكتە، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا. بىز شۇنى چوڭقۇر بىلىپ يەتتۇقكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، جەزمەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى دادىل ئېلىپ بېرىپ، تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭى تارىخىي ئورۇندا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ھەم بىز جەزمەن ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدىغان ئۇلۇغ ئىش، ھەم بىزنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ماڭساقلا، بىز چوقۇم خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتالايمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەنىڭ يېڭى مۇساپىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈشى، قانداق يولدا مېڭىشى، قانداق روھىي ھالەتنى ساقلىشى، قانداق نىشانغا قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق جاكارلاش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.» ھازىر، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىتەيلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.