تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يېشىل، زىيانسىز، ئورگانىك كۆكتاتلار گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا بىۋاسىتە تەمىنلەندى

    يېقىندا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسى كوئېنلۇن نۇڭبو جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ئۆستۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، قىر-قىرلارغا تېرىلغان زىرائەتلەر بىخ چىقىرىپ كۆكىرىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى، دېھقانلار ئېتىزدا بېيبېي كاۋىسىنى پەرۋىش قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرىنىڭ يوڭجىخۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك دېھقانچىلىق ئېتىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت بازىسى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى بەرپا قىلدى. 2021-يىلى، جىڭ ناھىيەسى كوئېنلۇن نۇڭبو جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ئۆستۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ياردەم بېرىلىپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بىلەن «كۆك-تاق» ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى، كېلىشىم بېيبېي كاۋىسى، سېرىق جياۋگۇا، ئالقات قاتارلىق ئومۇمىي مىقدارى 10 مىڭ مو كېلىدىغان ئالتە خىل مېۋە-كۆكتات تەمىنات-سودا قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، يىللىق ھوسۇلى 50 مىڭ توننىغا يېتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ يېڭى بىر يولىنى ئاچتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار كۇڭ مېڭيىڭ، ئۇلۇنچىمىك

تېخنىكا مۇتەخەسسىسى (ئوڭدا) ئېتىز پەرۋىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا. 

بېيبېي كاۋىسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. 

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.