تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى» تارقىتىش ۋە شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى» تارقىتىش ۋە شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن ۋە گۇۋاھنامە تارقاتتى شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن ئورۇنلارغا شەرەپ لەۋھەسى تارقاتتى

7 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى»نى تارقىتىش ۋە شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭ 1 ـ ئاۋغۇست بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن ۋە گۇۋاھنامە تارقاتتى، شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن ئورۇنلارغا شەرەپ لەۋھەسى تارقاتتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكەن يولداشلار بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

7 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى»نى تارقىتىش ۋە شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭ 1 ـ ئاۋغۇست بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن ۋە گۇۋاھنامە تارقاتتى، شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن ئورۇنلارغا شەرەپ لەۋھەسى تارقاتتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن ئورۇنلارغا شەرەپ لەۋھەسى تارقاتماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 7 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى بېيجىڭدا «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى» تارقىتىش ۋە شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن ۋە گۇۋاھنامە تارقاتتى، شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن ئورۇنلارغا شەرەپ لەۋھەسى تارقاتتى.

  1 ـ ئاۋغۇست بىناسىدىكى مۇراسىم نەق مەيدانىدا، قىسىمدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ۋە مەمۇرىي خادىملار ۋەكىللىرى رەتلىك سەپكە تىزىلغان بولۇپ، كەيپىيات تەمكىن، قىزغىن ئىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە، 18 نەپەر قوراللىق ھۆرمەت قاراۋۇلى ھۆرمەت قەدەم بىلەن مەيدانغا كىرىپ، ئىككى تەرەپتە تىك تۇردى، تارقىتىش مۇراسىمى باشلاندى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ شى جىنپىڭ ئىمزالىغان مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى» ۋە شەرەپ نامى بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دۇ فۇگو، چيەن چىخۇ، نيې خەيشېڭ قاتارلىق «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكەن يولداشلار تەرتىپ بويىچە ئالدىغا چىقتى، شى جىنپىڭ ئۇلارغا ئوردېن ئېسىپ قويدى، گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى، ئۇلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ «يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا نەمۇنىلىك يىڭى» شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەلۇم قىسمىنىڭ 2 ـ يىڭىغا شەرەپ لەۋھەسى تارقىتىپ بەردى.

  تارقىتىش مۇراسىمى ياڭراق ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. شى جىنپىڭ «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكەن يولداشلار بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئوردېن ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن ئارمىيەمىزنىڭ قەھرىمان ـ نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى، بۇ قېتىمقى «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.