تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش» مۇھىم، زور باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرىمىز
«ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

  □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

  ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى غايەت زور قەيسەرلىك بىلەن كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىش داۋامىدا، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز تارمىقىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

  بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەش ئۇلۇغ ئىدىيە ئارقىلىق ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈش

  «تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىلمىي سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى لوگىكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى تارىخىي لوگىكىسىنىڭ دىيالېكتىكىلىق بىرلىكى بولۇپ، بۇ يولدا راۋان ماڭغىلى بولىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى يىراققا ماڭغىلى بولىدۇ!» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۆدۇڭ مۇنداق دېدى: راۋان مېڭىش، يىراققا مېڭىشتىكى تۈپ نېگىز شۇكى، بىز جەزمەن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ ئەڭ يېڭى نەتىجە دەل شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى.

  ئىلمىي نەزەرىيەگە ئىگە سىياسىي پارتىيە بولغاندىلا، ئاندىن ھەقىقەت كۈچىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ، ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىك قىلغان ئىشلارلا پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ.

  «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى دەۋر سوئالىغا چوڭقۇر جاۋاب بەردى، دەۋر ئىلگىرىلىشىگە ئۈزلۈكسىز يېتەكچىلىك قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) كادىرلار تەربىيەسى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ليۇ خۇڭتاۋ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. بىز جەزمەن پارتىيەنىڭ يېڭى مۇساپىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈشى، قانداق يولدا مېڭىشى، قانداق روھىي ھالەتنى ساقلىشى، قانداق نىشانغا قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق جاكارلىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان زور سىياسەت ـ فاڭجېن ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى.

  يادرو يول باشلاش «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش

  پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى، يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى 100 يىللىق پىلان ئاستا ـ ئاستا قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىمىزدە، «ئىككىنى تىكلەش» تارىخىي تەجرىبىلەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى زور ۋە قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

  «<ئىككىنى تىكلەش> تارىخنىڭ تاللىشى، دەۋرنىڭ چاقىرىقى، خەلقنىڭ قەلب ساداسى بولۇپ، بىزنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىشىمىزنى قۇدرەتلىك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شۈ جىن مۇنداق بىلدۈردى: تارىخ بىزگە شۇنى قايتا ـ قايتا ئۇقتۇردىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئاسانلا، داقا ـ دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى سىياسىي نازارەتچىلىكتىكى تۈپ ۋەزىپە قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى لىڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنى تىكلەش» تارىخىي تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى، تارىخىي كۈرەشنىڭ جەۋھىرى. پەقەت «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغدىغاندىلا ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن پارتىيەنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ئۇيۇشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولغان، قەتئىي يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. «ئاممىۋى تەشكىلاتلار <ئىككىنى تىكلەش>نى قەتئىي قوغداش، <ئىككىنى قوغداش>نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا باشلامچى بولۇپ ئۈلگە بولغاندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تېخىمۇ قۇدرەتلىك خەلق كۈچىنى ئىتتىپاقلاشتۇرالايدۇ».

  پۇختا قەدەم بىلەن ئەمەلىي ئىشلەش بارلىق خەۋپ ـ خەتەر، خىرىس ئۈستىدىن غالىب كېلىش

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزنى يېتەكلەپ بېسىپ ئۆتكەن بۇ ئون يىلدا، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم ئىگىلىدۇق. ھەر قېتىم ئەسلىگىنىمدە، قەلبىم ھاياجانغا تولىدۇ، غەيرىتىم تولۇپ تاشىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر گەن چاڭچۇن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندىلا شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى، شۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىمەنكى، ھەر ۋاقىت ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرساق، ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، بىزنىڭ ئىشلىرىمىز، بىزنىڭ دۆلىتىمىز چوقۇم بارغانسېرى گۈزەل بولىدۇ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىمۇ چوقۇم بارغانسېرى گۈزەل بولىدۇ.

  نۆۋەتتە، 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئاخىرقى كۈچەش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ خېشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: كۆرگەزمە شىنجاڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى سىرتقا نامايان قىلىدىغان كۆزنەك. كۆرگەزمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىزنى يېتەكلەپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتقانلىقى ۋە كېڭەيتكەنلىكىگە ئائىت نەتىجىلەرنى پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى پىكىر يولى، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى پۇختا، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  «سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى چىڭىتىش، ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىكنى ساقلاش، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.» ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى ۋۇ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى بولغاچقا، يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش بولغاچقا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ داھىينى، يادرونى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى بولغاچقا، ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بۈگۈنكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يولىدىكى بارلىق خەۋپ ـ خەتەر، خىرىس ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدىغانلىقىغا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك قەتئىي ئىشىنىدۇ. بىز تاموژنىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى رايون ئەۋزەللىكىنى ئوچۇق ئىقتىساد تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرىمىز.

  شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش باش ئەترىتى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ سىياسىيلىكى، نەزەرىيەۋىلىكى، يېتەكلەشچانلىقىنى چوقۇم چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇنى ھەرىكەت پىروگراممىسى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئۆز خىزمىتىمىزگە، ئاساسىي مەسئۇلىيىتىمىزگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەش، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىپ، باي ـ قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

  (مۇخبىر ليۇ شياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، گو لىڭ، لۇ فېڭباۋ، چېن چياڭۋېي، ۋاڭ يايۈن، مېھرىگۈل ناسىر، خېي خۇڭۋېي، گۇەن مېڭيىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.