تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

مۇبارەك بولسۇن! شىنجاڭلىق قىز شيا شىنيى سەپدىشى لىن مېيمېي بىلەن گۇرۇپپىلىنىپ ساھىل ۋالىبولى دۇنيا مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

  7- ئاينىڭ 24- كۈنى كەچتە، دۇنيا ساھىل ۋالىبولى كەلگۈسى مۇسابىقىسىنىڭ بېلگىيە (رۇۋېن) بېكىتىدىكى مۇسابىقە ئاياغلاشتى، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان شيا شىنيى، لىن مېيمېي گۇرۇپپىسى يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلىپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. بۇ شيا شىنيىنىڭ 2022- يىلى ئېرىشكەن تۇنجى قېتىملىق دۇنيا دەرىجىلىك مۇسابىقە چېمپىيونلۇقى ھېسابلىنىدۇ.

سولدىن بىرىنچىسى لىن مېيمېي، سولدىن ئىككىنچىسى شيا شىنيى. سۈرەتنى دۆلەت كوماندىسى تەمىنلىگەن.

  دۇنيا ساھىل ۋالىبولى كەلگۈسى مۇسابىقىسى بېلگىيە (رۇۋېن) بېكىتى دۇنياۋى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇسابىقە، شۇنداقلا خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دەۋرىي مەزگىلىدىكى نومۇر جەملەش مۇسابىقىسى. بۇ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشىنىڭ، ئۇلارنىڭ پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كىرىش بېلىتىگە ئېرىشىشىگە ياردىمى تېگىدۇ.

  شيا شىنيى بىلەن لىن مېيمېي 7- ئاينىڭ بېشىدا جۈپ تۈزۈپ مەشىقنى باشلىغان، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئىككىيلەننىڭ جەملىگەن نومۇرى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، سالاھىيەت مۇسابىقىسىدىن باشلاپ مۇسابىقىلىشىشكە توغرا كېلەتتى. ئىككى ئايلانما سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە، شيا شىنيى بىلەن لىن مېيمېي 0گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئىلگىرى- كېيىن ياپونىيە كوماندىسى بىلەن يېڭى زېلاندىيە كوماندىسى گۇرۇپپىلىرىنى يېڭىپ، 16 كۈچلۈكنىڭ رەسمىي مۇسابىقىسىگە كىردى.

لىن مېيمېي بىلەن شيا شىنيى چېمپىيونلۇق سەھنىسىدە. سۈرەتنى دۆلەت كوماندىسى تەمىنلىگەن.

  16 كۈچلۈكنىڭ رەسمىي مۇسابىقىسىدە، شيا شىنيى بىلەن لىن مېيمېي 0گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئاۋسترالىيە كوماندىسى، پاراگۋاي كوماندىسى ۋە ئارگېنتىنا كوماندىسى گۇرۇپپىلىرىنى، 1گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن چېخ كوماندىسىنى يەڭدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، كۈچلۈك ئۇكرائىنا كوماندىسى ئالدىدا، ئىككىيلەن ئېلىشقانسېرى غەيرىتى ئۇرغۇپ، 0گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىن كەلگەن شيا شىنيى 16 يېشىدا دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان، 2014- يىلى رېنچۈەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار ساھىل ۋالىبولى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان، 2018- يىلى 18- نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار ساھىل ۋالىبولى تۈرىدە چېمپىيون بولغان، 2019- يىلى ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 2- لىككە ئېرىشكەن، 7- نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار ساھىل ۋالىبولى تۈرىدە چېمپىيون بولغان، 2021- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 14- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ساھىل ۋالىبولى ئاياللار قۇرامىغا يەتكەنلەر گۇرۇپپىسىدا چېمپىيون بولغان، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ساھىل ۋالىبولى تۈرىدىكى ئەڭ ياش دۇنيا چېمپىيونى.

  پايدىلانغان مەنبە: «تەنتەربىيە- چىنىقىش 365» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.