تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت سودا يەرمەنكىسىدە شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى ھەر خىل شەكىل ئارقىلىق شىنجاڭنى تونۇشتۇردى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ ۋەندې خەۋەر قىلىدۇ) 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، 2022-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت سودا يەرمەنكىسىدە، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى ۋە مەدەنىيەت-ساياھەت كارخانىلىرى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى(نۇقتىلىرى)نىڭ مەسئۇللىرى تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭ سارىيىنى مەيلى ئاۋاتلىق جەھەتتە ۋە ياكى ئاخىرىدا ئېرىشكەن پايدا جەھەتتە بولسۇن ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئىگە قىلدى.

    ئاساسىي يەرمەنكە مەيدانىدا تونۇشتۇرۇش، مەخسۇس مەيداندا تونۇشتۇرۇش، ۋاڭخۇڭ ئىدارە باشلىقلىرى ئۆمەك تەشكىللەپ تونۇشتۇرۇشتىن خىزمەتچى خادىملار جانلىق تەسۋىرلەش، شادىمان ئۇسسۇلغا چۈشۈش، قالتىس ساز چېلىش ماھارىتى ئورۇنلاش، نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش، زىيارەتنى قوبۇل قىلىشقىچە، شۇنداقلا مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشىدا قوللانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا «تىل كىرگۈزۈش»، ئۈستىقۇددۇس تېمى ياساش، ئېگىز، ھەيۋەتلىك، ئېسىل جەزمەن بارىدىغان ئارام ئېلىش رايونى تەسىس قىلىش، نەپىس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى، مول ساياھەت لىنىيەسى قاتارلىقلارغىچە، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مەيدان، مەخسۇس مەيدان پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى باشتىن-ئاخىر ئەڭ ئاۋات بولدى، كۆرگەزمە سارىيىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

«ۋاڭخۇڭ ئىدارە باشلىقى» خې جياۋلۇڭ «يېڭى ئىنتىلىش ‹شىنجاڭنىڭ يولغا چىقىشى» تېمىسىدىكى شىنجاڭ مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا شىنجاڭدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئېسىل لىنىيەلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

«يېڭى ئىنتىلىش ‹شىنجاڭنىڭ يولغا چىقىشى» تېمىسىدىكى شىنجاڭ مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردىن كەلگەن داكالار تەكلىپ قىلىندى، ئۇلار شىنجاڭ ساياھىتى توغرىسىدا بىرلىكتە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، شىنجاڭ ساياھىتى ئۈچۈن «تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆردى».

  2022-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئاساسىي يەرمەنكە مەيدانى شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمە سارىيىدا، «ۋاڭخۇڭ ئىدارە باشلىقى» تۇرسۇنگۈل مەتتوختى شىنخۇا تورى مۇخبىرىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئەركىن پاراڭلاشتى.

  2022-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئاساسىي يەرمەنكە مەيدانى شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمە سارىيىدا، ئىلى كۆرگەزمە سۇپىسىدىكى خىزمەتچى خادىم نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە ئىزچىل داۋاملاشتۇردى.

  2022-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئاساسىي يەرمەنكە مەيدانى شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمە سارىيىدا، قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرى بۇ يەرگە كۆچۈرۈلدى.

  ئىلى ئوبلاستى شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيىدا بىر ئۈستىقۇددۇس تېمى ياساپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى جەزمەن كېلىشكە جەلپ قىلدى.

  قەشقەر كۆرگەزمە سۇپىسىدا، خىزمەتچى خادىملار سودىگەرلەرنىڭ رازى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئالاقىلىشىشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن سودىگەرلەرنىڭ ۋېيشىنىنى قوشۇۋالدى.

بىر خىزمەتچى خادىم ئۆز يۇرتىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى قىزغىن تونۇشتۇرماقتا.

 شىنجاڭ ئۇسسۇلى ھەمىشە نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.