تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

نومۇر تەڭلىشىپ ئۈمىد ئېلىپ كەلدى ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ كەلگۈسى كىشىنى تەقەززا قىلدى

  شەرقىي ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە كورېيە كوماندىسى بىلەن يەنە ئۇچرىشىپ، نومۇر پەرقى يەنە بىر قېتىم ئارقىدا قالغان جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسى قىممەتلىك جاسارىتىنى قايتا نامايان قىلدى. 1:1 نەتىجە بىلەن رەقىبى بىلەن تەڭلىشىپ، يېقىنقى مەزگىلدە كورېيە كوماندىسى بىلەن تىركىشىشنى داۋاملاشتۇردى.

    باش تىرېنېر شۈي چىڭشيانىڭ مۇسابىقىدىن كېيىن ئېيتقىنىدەك، بۇ بىر مەيدان جاپالىق مۇسابىقە. ئوتتۇرا مۇداپىئەچى ۋاڭ لىنلىن نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەندە، مەيداننىڭ چېتىدە تۇرغان سۇ چىڭشيا قولىنى پۇلاڭلىتقىنىچە غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى: تازا كۆڭۈلدىكىدەك تېپەلمەي پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا، كوماندا يەنىلا بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، رەقىبىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگۈدەك ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى كېرەك. دەل مانا بۇ، جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ سالاپىتى ئىدى.

    بىز جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئارقا سەپ مۇداپىئە تايانچلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇق. ئۇدا ئىككى مەيدان توپ باشلىغان ۋاڭ لىنلىن سالماق قەدەم بىلەن ئۆسۈپ يېتىلمەكتە. سابىق جۇڭگو ياشلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋاڭ لىنلىن بۇ قېتىم ئاساسلىق ئوتتۇرا بېك ۋاڭ شياۋشۆ بىلەن ھەمكارلاشتى، ئىككى مەيداندىكى ئىپادىسى سالماق بولدى. بىرنەچچە قېتىم ئۈزۈلگەن توپنى تېز سۈرئەتتە ئېلىۋېلىپ، ئوتتۇرا بېكتا بولۇشقا تېگىشلىك سۈرئەت ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. نومۇرنى تەڭلەشتۈرگەن بۇ توپ ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئاساسىي كۈچ بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ. 

    ئوبيېكتىپ جەھەتتىن قارىغاندا، جۇڭگو كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۆزىدە ساقلانغان بەزى مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىدى: پاس بېرىشتە سەۋەنلىك بىرقەدەر كۆپ، كوماندا ئەزالىرى ئارىسىدا ئۆزئارا ماسلىشىش يېتەرلىك ئەمەس، ئوتتۇرا ئارقا مەيداندا قاتلاممۇقاتلام ئالدىغا سۈرۈلىدىغان ئۈنۈملۈك ھۇجۇمنى تەشكىللەش قىيىن، مۇسابىقىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس بولۇپ، سەۋەنلىكلەرنىڭ زىيادە كۆپ يۈزبېرىشى جىسمانىي كۈچنىڭ زور دەرىجىدە خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان...

    ئەمما، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت قالغاندا، شەرقىي ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئەھمىيىتى كوماندا ئەزالىرىنى كۆزىتىش ۋە سەپ شەكلىنى ماسلاشتۇرۇشتا. ھازىرقى باسقۇچتا كۆپ مۇسابىقە تەجرىبىسى بولمىغان جۇڭگو كوماندىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر قىممەتلىك ئەمەلىي جەڭ پۇرسىتى ھېسابلىنىدۇ. شۈي چىڭشيانىڭ ئېيتقىنىدەك، ئاچقۇچلۇقى روھىي ھالەتنى تەڭشەش، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان ھەل قىلىپ، ئەمەلىي جەڭ ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەش كېرەك. 

    كېيىنكى قەدەمدە، بىر مەيدان يېڭىپ، بىر مەيدان تەڭلەشكەن جۇڭگو كوماندىسى ياپونىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بۇ قېتىملىق شەرقىي ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى تاللاپ چىقىلىدۇ. لېكىن جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى يەنىلا ئۆزى يەتمەكچى بولغان نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سەپ شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىش

    جاڭ لىنيەن باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان توپ سېزىمى ۋە توپ بىلەن بىر گەۋدە بولۇشتەك تالانتىنى نامايان قىلغاندا، پېشقەدەم ماھىر ۋاڭ شەنشەن يەنىلا ھۇجۇم سىزىقىدا ھەربىر سەپدىشى بىلەن يۇقىرى ئۈنۈمدە ماسلاشقاندا، ۋاڭ شۇاڭ، تاڭ جيالى ئىككىيلەن ئالدى مەيداننىڭ يادروسى بولۇپ كوماندا ئەزالىرى بىلەن ياخشى ھەمكارلاشقاندا... جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سىزىقى كۆپ خىل مۇمكىنچىلىككە ئىگە بولغان بولاتتى.

    جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى كىشىنى تەقەززا قىلىدۇ! 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.