تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى «مەركەزداش چەمبەر»نى ئورتاق سىزىش

− شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋەكىللىرى توردا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى ھەمبەھرىلىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بېيجىڭدا «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى»نى باش تېما قىلىپ مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىللىرى سىنلىق ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بىللە ئولتۇراقلىشىش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىشتەك تەسىرلىك يۆگىمە رەسىمنى جانلىق نامايان قىلدى.

«ئەگەر بىرى مەندىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دېگەن نېمە؟ دەپ سورىسا، مېنىڭ قارىشىمچە، جۇڭگودا مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خۇددى بىر ئاتا - ئانىنىڭ بالىلىرىغا ئوخشايدۇ، ھېچقانداق ئوخشىمايدىغان يېرى يوق.» 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرى يۇڭكۇ ئىتتىپاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەخمەت گالى سىنلىق ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بولغان چۈشەنچىسىنى بايان قىلدى ھەم قوشنىسى سۇن چېڭجۇڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان تەسىرلىك ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

ئەخمەت بالىلىق چاغلىرىدىلا ئاتىسى قازا قىلغان ئىدى، سۇن چېڭجۇڭ ئەر - خوتۇن ئەخمەت ئاچا - ئىنى ئىككىيلەنگە خۇددى ئۆز بالىسىدەك مۇئامىلە قىلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلدى، ئاچا - ئىنى ئىككىسىمۇ يېقىملىق ھالدا سۇن چېڭجۇڭنى «سۇن دادا» دەپ ئاتىدى. ئەخمەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، كۆپچىلىك سېنىڭ - مېنىڭ دېيىشمەي گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز.

كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ياشلار - ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بالغىن جېڭىس، شىنجاڭ داشۆنىڭ ئاسپىرانتى خۇاڭ تىڭتىڭ قاتارلىقلار ئۆزىنىڭ كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى تونۇشتۇردى، سانجى شەھىرى ئاھالىسى لياڭ چياڭ ئۆزى بىلەن مەمەتجاننىڭ 17 يىللىق دوستلۇقىنى سۆزلەپ بەردى؛ چۆچەك شەھىرى ئاھالىسى ما ليەنخۇا تېلېكامىرا ئالدىدا ئوخشاش بولمىغان يەتتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان بىر چوڭ ئائىلىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى نامايان قىلدى؛ كېرىيە ناھىيەسىدىن كەلگەن يىگىت يۈسۈپ غوجابدۇللا ۋۇخەندە ئۈچ يىل خىزمەت قىلىپ، شۇ جايدىكى ئىشداشلىرى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقانلىقىنى سۆزلىدى؛ شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسى داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئوسمان مەمەت دوختۇرخانىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئارىسىدا، دوختۇرلار بىلەن ئاغرىقلار ئارىسىدا ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتىن ئىبارەت چوڭ - كىچىك ئىشلاردىن كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھرىلەندى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى جىشۈن يولى شىمالىي مەھەللىسىنىڭ كادىرى دىلدار ئۆتكۈر مەھەللىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدا توختىماي تەرىپلىدى؛ كەلپىن ناھىيەسى يۇرچى يېزىسىدىكى زىلەيخان سالامنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى بىر خەنزۇ ئاغرىققا قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىش ھېكايىسى نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈردى.

«تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى تۇتاش، ھەر مىللەت خەلق قەلبداش.» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ رايونى ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈردى. ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشاپ، بىللە خىزمەت قىلىپ، خۇشاللىقتا بىللە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.

شۈ گۇيشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ قەتئىي بوشاشماي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل يول ۋە شەكىل ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى. ئەكسىچە ئامېرىكىغا نەزەر سالساق، ئىرقىي كەمسىتىش ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئىرقىي ئۆچمەنلىك جەمئىيەتنى پارچىلىماقتا. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە توغرا قارىماي، ئەكسىچە پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەھۋالىغا قارا چاپلىدى، بۇ ئىنتايىن ساختا ھەم بىمەنە قىلمىش.

شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى نەق مەيداندا قاتناشقاندىن باشقا، چېگرا سىرتىدىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار توردا قاتناشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى يەرشارىدىكى 60 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتقا ماس قەدەمدە بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.