تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«ۋېنتيەن» بوشلۇقنى تەكشۈرۈش يولىغا قەدەم تاشلىدى

دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئىلمىي تەجرىبە بۆلۈمچىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

«ۋېنتيەن» بوشلۇقنى تەكشۈرۈش يولىغا قەدەم تاشلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەينەن ۋېنچاڭ، 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى گولى، لى يۈن، جاڭ رۇيجيې) 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سائەت 14 تىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسىنى ئېلىپ ماڭغان چاڭجېڭ 5 - نومۇرلۇق B تىپلىق يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان ئۈچ بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا دۆلىتىمىزنىڭ ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا دەل ۋاقتىدا ئوت يېقىلىپ قويۇپ بېرىلدى، تەخمىنەن 495 سېكۇنتتىن كېيىن، ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسى راكېتادىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلدى ھەم ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىردى، قويۇپ بېرىش تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

مۇخبىرلارنىڭ جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى تۈرى تۇرغۇزۇلۇپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 24 - قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئىكەن، قويۇپ بېرىلگەن ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسى جۇڭگو بوشلۇق پونكىتىنىڭ 2 - بۆلۈمچىسى، شۇنداقلا تۇنجى ئىلمىي تەجرىبە بۆلۈمچىسى ئىكەن. ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسى خىزمەت بۆلۈمچىسى، گازلىق كىلاپان بۆلۈمچىسى ۋە بايلىق بۆلۈمچىسىدىن تەركىب تاپقان، ئۇچۇش ئېغىرلىقى تەخمىنەن 23 توننا بولۇپ، ئاساسلىقى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تۇرۇش، بۆلۈمچىدىن چىقىپ پائالىيەت قىلىش ۋە بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىنىڭ زاپىسى سۈپىتىدە بوشلۇق پونكىتىنى باشقۇرۇشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە، ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسى ئالدىن بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە يادرولۇق بۆلۈمچىنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىدۇ، شېنجوۋ 14 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسىگە كىرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان توشۇغۇچى راكېتا ھەم ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتى ۋە جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتى باش بولۇپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.