تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)

□گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

مىڭ گەز ئېگىزلىكتىكى دەرەخنىڭمۇ يىلتىزى بولىدۇ، تۈمەن چاقىرىملىق دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى «ئاشلىق مەھكىمىسى مۆھۈرى»نى تەپسىلىي كۆرۈشتىن مىللىي ئېپوس «ماناس» ئېيتىش نومۇرىنى كۆرۈشكىچە، يەنە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي يارغول قەدىمىي شەھىرىگە قەدەم قويۇشقىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قالدۇرغان ئاياغ ئىزلىرى ئۇنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىغا گۇۋاھ بولماقتا. باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك.

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت، تېخىمۇ مۇھىمى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش ياكى مايىل قىلالماسلىقنى تۈپتىن ھەل قىلىشتىكى مۇھىم، زور ئىش. قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ ئارىلىقنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرۇش ۋە ئارازلىقنى تۈگىتىش ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلىشىشى دۆلىتىمىزنىڭ بىر روشەن ئالاھىدىلىكى. قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ يادروسى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىدىكى تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ۋە كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش، تەقدىرداش مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك. كەڭ كادىرلار، ئاممىنى شىنجاڭ تارىخى، بولۇپمۇ مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى توغرا تونۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخى قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەش، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشتە. مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى، مىللەتلەر ئىناق - ئېجىللىقىنىڭ روھى، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى تۈپ يول ۋە ئۇزاق كەلگۈسى پىلان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم نىشانى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش بولسا مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول. تارىخىي مەدەنىيەتكە بولغان تونۇشنى توغرىلاپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقى، شىنجاڭنىڭ ئىچكى جايلاردىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىي پاكىتىنى نامايان قىلىدىغان سۆز سىستېمىسى ۋە ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي كۆرۈنۈش، ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىش، كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىش، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتىلىمىز، مەدەنىيەت ئارقىلىق تاۋلىنىمىز، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە بىز جەزمەن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى تېخىمۇ دەل جايىدا، تېخىمۇ كونكرېت، تېخىمۇ جانلىق قىلىپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى قەلبكە تېخىمۇ سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچكە ئىگە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى قەلبى قوشۇلغان، مەنىۋى جەھەتتىن بىر - بىرىگە تايىنىدىغان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.