تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغانلىقى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغانلىقى ئىنتايىن مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق سىياسىي ئەھمىيەتكە، تارىخىي ئەھمىيەتكە، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، زىددىيەت، خەۋپ ـ خەتەر ئىچىدە غەلىبىلىك ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە مۇھىم سۆزىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر تونۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك. ئۆگىنىشنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تۇتۇپ، پىلان تۈزۈپ، ۋاقىتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ، تەپسىلىي چۈشىنىپ، مەزمۇن ۋە داۋلىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئانالىز قىلىپ، ئەتراپلىق ئىگىلەش، سەمىمىيلىك بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەڭ تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىق قىلىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىل، كۆپ قاتلام بويىچە كەڭ تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: قەتئىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ۋە چوڭقۇر، سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. باشتىن ـ ئاخىر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئارقىلىق باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، نازارەتچىلىك خىزمىتى ئارقىلىق باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى ئارقىلىق باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە تايىنىدىغان قانۇن بولۇش، قانۇن ئاساسى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، دىنىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگاننى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.