تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

غەمخورلۇق ۋە كۆيۈنۈش كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى، تاغ ـ دەريالارغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاندى. شەرەپلىك ئىنقىلاب ئەنئەنىسىگە ئىگە داشۆدىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەنلىكىگە گۇۋاھ بولغان مۇزېيغىچە، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن زامانىۋىلاشقان كېۋەزلىككىچە، ئىتتىپاق ـ ئىناق مەھەللىدىن ئۈمىدكە تولغان يېزا ـ كەنتلەرگىچە، شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تاڭ شەپىقى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن تەڭ يولغا چىقىپ، يۇلتۇزلار چاقنىغاندا قايتىپ كەلدى، جاراڭلىق سۆزى، سەمىمىي تاپشۇرۇقى ھەم شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بولغان بىر قېتىملىق نەق مەيدان يېتەكچىلىكى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولغان بىر قېتىملىق مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش بولدى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈردى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى چوڭقۇر كۆزىتىشى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ، شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، زىددىيەت، خەۋپ ـ خەتەر ئىچىدە غەلىبىلىك ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، بىز تولۇق، دەل جايىدا چۈشىنىشىمىز، قەتئىي بوشاشماي تۈرتكە بولۇشىمىز، كەم ـ كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى پۈتۈنلەي توغرا بولۇپ، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى باشتىن ـ ئاخىر ئېنىق يۆنىلىشكە، توغرا يولغا، ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش كېرەك.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتا، سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەم ھازىرغا، ھەم يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەم ئومۇمىي نىشانى، ھەم خىزمەت ۋەزىپىسى بار، ھەم بىلىش نەزەرىيەسى، ھەم مېتودولوگىيەسى بار، ھەم پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى تەكىتلەيدۇ، ھەم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىر پۈتۈن تەپەككۇر تۇرغۇزۇپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپلىمە ھالدا ئەمەس بەلكى ئەتراپلىق ھالدا، پارچە ـ پۇرات ھالەتتە ئەمەس بەلكى سىستېمىلىق ھالدا «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش» ۋە «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش»نى تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش داۋامىدا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بىر ئۆلچەم، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى مۇشۇ ئۆلچەم ئارقىلىق ئۆلچەش كېرەك. دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ دىنىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىڭتۇەننىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىز يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز، بۇرچ تۇيغۇمىزنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يولباشچىسى، ھەرىكەت ئىدىيەنىڭ نامايەندىسى. بىز شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئېنىق تونۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى تەسىرىنى ئېنىق تونۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىكى ئورنىنى ئېنىق تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.