تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېقىن كۆرۈنۈش 60 | «كۆپچىلىك بىرلىكتە غەيرەت قىلايلى!»

  2020-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈردى. ئۇ ۋۇخەن دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسىگە كېلىپ، مەھەللە سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى، مەھەللە مۇلازىمىتى، ئاممىنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى.

    ۋۇخەن دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسى 3000دىن ئارتۇق ئائىلە، 12 مىڭ ئاھالە بار ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قىلغان ئولتۇراق رايون. شۇ كۈنى، باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ئاھالىلەر بەس- بەستە بالكوندىن ۋە دېرىزىدىن باش شۇجىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، بەزىلىرى دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدىتىپ تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا: «جۇڭگو غەيرەت قىل! ۋۇخەن غەيرەت قىل!» دېدى.

  باش شۇجى يۇقىرىغا قاراپ، بىنادىكى ئاممىغا سەمىمىيلىك بىلەن زەن سېلىپ، قول ئىشارىتى قىلىپ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك بىرلىكتە غەيرەت قىلايلى، يەنە ئازراق بەرداشلىق بېرەيلى!»

  «ھەر قېتىم مۇشۇ كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىمدە خۇددى تۈنۈگۈنكىدەكلا ھېس قىلىمەن. باش شۇجى ناھايىتى يېقىملىق، خەلق ئاممىسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ» دېدى مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تاۋ جيۇدى.

  «يۇقۇم ئالاھىدە مەزگىلىدە، باش شۇجى مەھەللىمىزگە كېلىپ ھال سورىدى، كۆپچىلىك ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدى» دېدى مەھەللە ئاھالىسى تەن لىيۈەن.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك، ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم.

  ئاھالىلەر بىناسىنىڭ ئاستى دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسىنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى مەركەزلىك يەتكۈزۈش نۇقتىسى بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش ۋە تەمىنلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى.

  بۇ يەردىكى بىر چېدىردا قىزىل كىيىم كىيگەن، سېرىق خەتلىك يەڭ بەلگىسى تاقىغان پىدائىيلار ماددىي ئەشيالارنى رەتلەۋاتاتتى.

  «كۆكتاتلارغا پۇل ئېلىنامدۇ، كىمگە ئاپىرىپ بېرىسىلەر؟» باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا سورىدى.

  «بۇ ياققا قويۇلغانلىرى ھەقسىز كۆكتاتلار» دېدى تۆۋەنگە چۈشكەن كادىر لى شياۋشياڭ جاۋاب بېرىپ، «ھەقسىز كۆكتاتلارنى نامرات ئائىلىلەر، ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار، ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلارغا تارقىتىمىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىيىنچىلىقى بار ئامما» دېدى.

  «نېمىشقا گۆش يوق؟» باش شۇجى يەنە سورىدى.

  «بۇلار ھەقسىز كۆكتاتلار، گۆش ئاۋۇ تەرەپتە، گۆشمۇ تەييارلاپ قويدۇق» دېدى لى شياۋشياڭ.

  «تۈرلۈك چارە-تەدبىر ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈڭلار.» باش شۇجى يەنە ئەستايىدىللىق بىلەن تاپىلىدى، ۋۇخەنلىكلەر تىرىك بېلىق يېيىشكە ئامراق، شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا تەمىنلەشنى كۆپرەك تەشكىللەڭلار...

  پۇقرالارنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈندى، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە خەلقنىڭ مەنپەئەتى كۆزلەندى.

  شۇ كۈنى، دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسى پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئولتۇرۇپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى، سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىدىكى دوختۇرلار، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، پىدائىيلار بىلەن يۈزتۇرا سەمىمىي پاراڭلاشتى.

  باش شۇجى مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشتا خەلققە زىچ تايىنىش كېرەك. ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ خەلق مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىش كېرەك» دېدى.

  تاۋ جيۇدى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلىدى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پۇختا توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەيمىز».

«تىيانشان تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.