تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مۇخبىر ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىش | تورداشلار يول چىرىغىنىڭ يانمىغانلىقىنى ئەرز قىلدى مۇخبىر خىزمەتچىلەرنىڭ يېرىم كېچىدە كېلىپ جىددىي رېمونت قىلىۋاتقان پۈتۈن جەرياننى ئۆزى كۆزى بىلەن كۆردى

7-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي باشقۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) ئاممىۋى يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش-باشقۇرۇش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى گۇ خۇامىڭ سۈيچۇەن يول بۆلىكىدىكى يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئېلېكتىر بېسىمىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى ئۆلچىمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گەن شىڭخۇا)  «سۈيچۇەن يولىدىكى يول چىراغلىرى يانمايۋاتىدۇ، بۇنى ئوڭشىغىلى بولامدۇ؟» 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، «يول چىرىغى» ئىسىملىك بىر تورداش «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» بويىچە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىدە سۆز قالدۇرۇپ ياردەم سورىدى. 

  بۇ ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مۇخبىر بۇ رايوننى يورۇتۇشقا مەسئۇل ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي باشقۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)نىڭ ئاممىۋى يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش-باشقۇرۇش ئورنى بىلەن ئالاقىلەشتى، بۇ ئورۇننىڭ باشلىقى شۆ بىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم تورداشلارنىڭ <ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش> بويىچە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىدە بەرگەن ئەرزىنى قوبۇل قىلىشىمىز، خىزمەتچىلەرنى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردۇق، سۈيچۇەن يولىدىكى يول چىرىغىنىڭ يانماسلىقىغا بۇ يول بۆلەكلىرىدىكى يول چىراغلىرىنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكى سەۋەب بولغان، يېڭى يول چىرىغىنى ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىۋاتىمىز».

  قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ئۆتكۈنچى مەزگىلدە يول چىرىغى يانمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ شۆ بىن مۇنداق دېدى: «بىز خىزمەتچىلەرنى كەچتە نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردۇق».

  7-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچ سائەت 9دا، مۇخبىر بۇ ئورۇننىڭ خىزمەتچىسى گۇ خۇامىڭ بىلەن بىللە سۈيچۇەن يولى بىلەن ئوتتۇرا ئايلانما يولى تۇتاشقان جايغا كەلدى، ئوتتۇرا ئايلانما يول بۆلىكى تەرەپتىكى يول چىراغلىرى يېنىقلىق تۇراتتى، ئەمما سۈيچۇەن يول بۆلىكى تەرەپتىكى يول چىراغلىرى ھەقىقەتەن يانمىغانىدى.

7-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي باشقۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) ئاممىۋى يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش-باشقۇرۇش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى گۇ خۇامىڭ يۇقىرى بېسىملىق ئىزولياتسىيەلىك تاياق ئارقىلىق يۇقىرى بېسىملىق بىخەتەرلىك ئەسۋابىنىڭ ياخشى تېگىشكەن- تېگىشمىگەنلىكىنى تەكشۈرمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا فوتوسى

  گۇ خۇامىڭ يۇقىرى بېسىملىق ئىزولياتسىيەلىك تاياق ئارقىلىق يۇقىرى بېسىملىق بىخەتەرلىك ئەسۋابىنىڭ ياخشى تېگىشكەن-تېگىشمىگەنلىكىنى تەكشۈردى، ئارقىدىن يەنە سۈيچۇەن يول بۆلىكىدىكى يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ توك تەقسىملەش ئىشكاپىدا، توك بېسىمىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى بىر-بىرلەپ ئۆلچىدى. 

  ئۆلچەش ئارقىلىق گۇ خۇامىڭ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر بۆلەك كابېلدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى، بىر بۆلەك يول چىرىغىنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكتىن ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم يول چىراغلىرىدا توك قېچىپ، توك ئۈزۈلگەنلىكىنى بايقىدى. 

  نەق مەيداندا، گۇ خۇامىڭ ئەمدىلا رېمونت قىلىپ بولغان لىنىيەدە، يەنە توك ئۈزۈلۈش ئەھۋالى كۆرۈلدى، ئۇ كاشىلىنى قايتا-قايتا تەكشۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا كاشىلا نۇقتىسىنى تاپتى. «يېڭى يول چىراغلىرىنى ئورنىتىشتىن بۇرۇن، كونا  لىنىيەنى ئىمكانقەدەر رېمونت قىلىپ، كۆپرەك يول چىرىغىنىڭ يېنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى گۇ خۇامىڭ.

  گۇ خۇامىڭنىڭ كۆپ قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، كەچ سائەت 9دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە، سۈيچۇەن يول بۆلىكىدىكى قىسمەن يول چىراغلىرى ياندى.

  شەھەر ئاھالىسى جاڭ لى بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، يول چىراغلىرىنىڭ يانغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال ھالدا: «يول چىراغلىرى يېنىپتۇ، كەچتە سىرتقا چىقىپ ئايلانساقمۇ ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق». 

7-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچ سائەت 9دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە، سۈيچۇەن يول بۆلىكىدىكى قىسمەن يول چىراغلىرى ياندى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا فوتوسى

  مۇخبىر گۇ خۇامىڭ بىلەن بىللە ئەتىسى سەھەرگىچە تەكشۈرۈش-ئۆلچەشتە بىللە بولدى، دۇڭچۇەن يولى، جيەنچۇەن 1-كوچىسى قاتارلىق جايلاردا يەنە ئايرىم يول چىراغلىرىنىڭ يانمىغانلىقى بايقالدى. ئارقىدىن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن شۆ بىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئورنىمىز يول چىرىغى ئورناتقۇچى تەرەپنىڭ مەشغۇلاتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ ۋە ماسلىشىۋاتىدۇ، ئەڭ كېچىككەندىمۇ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى بارلىق يول چىرىغىنى، يورۇتۇش ئەسۋابلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە لىنىيە يېڭىلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. شۇ چاغدا، بۇ رايونلاردىكى بارلىق يول چىرىغى يانىدۇ. قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلەكلىرىدىكى يول چىراغلىرىنىڭ قانچىلىك يانسا شۇنچىلىك يېنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  «سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى تورداشلارنىڭ ئىلتىماس-تەلىپىنى بايان قىلىدىغان كۆزنەك، شۇنداقلا بىزنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىمىزنى ياخشىلىشىمىزغا، مۇلازىمەت سۈپىتىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزگە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان يەنە بىر سۇپا، بىز تورداشلارنىڭ ئىلتىماس-تەلىپىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ غەم-ئەندىشە، قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىمىز» دېدى شۆ بىن.

7- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچ سائەت 9دا، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي باشقۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) ئاممىۋى يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش- باشقۇرۇش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى گۇ خۇامىڭ سۈيچۇەن يول بۆلىكىگە كېلىپ، ئاسراش- تەكشۈرۈش تەييارلىقىنى قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا فوتوسى

  مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى: پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ چارە تاپتى، ئاممىنىڭ كۆڭلى يورۇدى

  قۇرۇلۇش سەۋەبىدىن قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە يول چىراغلىرى يانماسلىق كېلىپ چىقتى، تورداشلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي باشقۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) ئاممىۋى يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش-باشقۇرۇش ئورنى پائال چارە قوللىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يېڭى، كونا لىنىيەلەرنى ئالماشتۇرۇش ئۆتكۈنچى مەزگىلىدە، قىسمەن يول چىراغلىرىنى ئىمكانقەدەر ئالدى بىلەن ياندۇردى، شۇنىڭ بىلەن تۈن يېرىملىشىپ ئەل ئايىغى بېسىققاندا، ئاممىۋى يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش-باشقۇرۇش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يولدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان سىيماسى پەيدا بولدى.

ئاممىنىڭ مەنپەئىتىدە كىچىك ئىش يوق. ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ئالدىدا، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ چارە تېپىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش غەيرىتى بولۇشى كېرەك. بار چارىنىڭ ھەممىسىنى ئويلىشىپ، ھەقىقىي تىرىشقاندا، ئاممىنىڭ كۆڭلى ئاندىن يورۇيدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.