تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىزنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنىڭ ئورنىنى ھېچنېمە ئالالمايدۇ

شاۋ شۈپېڭ:

بىزنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنىڭ ئورنىنى ھېچنېمە ئالالمايدۇ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مېھرىگۈل غوپۇر، سۈي يۈنيەن

7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى شىنجاڭ تيەنيې گۇرۇھى تيەنچېن خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى ماشىنىسازلىق زاۋۇتىنىڭ ئالىي تېخنىكى شاۋ شۈپېڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆمۈر بويى ئەستە چىڭ ساقلايدىغان كۈن بولدى. بۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى چوڭ زالدا، بىڭتۇەننىڭ پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد قۇرغۇچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچىسىغا سۇس كۆك رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيگەن شاۋ شۈپېڭ دەل ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى.

چۈشتىن كېيىنكى چاغ ئىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭ زالغا كىرىپ كەلدى، كۆپچىلىك چەكسىز ھاياجان بىلەن ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا پۈتۈن مەيداندىكىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىملىق نەزەرىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، شاۋ شۈپېڭ جاراڭلىق ئاۋازدا باش شۇجىغا دوكلات قىلدى: «باش شۇجى، ياخشىمۇسىز! مەن شىنجاڭ تيەنيې گۇرۇھى تيەنچېن خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى ماشىنىسازلىق زاۋۇتىنىڭ ئالىي تېخنىكى شاۋ شۈپېڭ، مەن كەپشەرلەش ئىشچىسى، 2007 - يىلى شىنجاڭغا كەلگەن!» باش شۇجىنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمىنى كۆرۈپ، شاۋ شۈپېڭ جىددىيلەشكەنلىكىدىن ئىزچىل چىڭ تۈگۈۋالغان قوللىرىنى ئاستا - ئاستا ئەركىن قويۇۋەتتى.

«بىزنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنىڭ ئورنىنى ھېچنېمە ئالالمايدۇ.» شاۋ شۈپېڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا بىڭتۇەننىڭ ئورنى، رولىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى، بىڭتۇەنلىكلەر ياراتقان ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھىنىڭ قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

«مەن گەنسۇ خۇينىڭدىن شىنجاڭغا كەلگەن، بىڭتۇەندە يىلتىز تارتىشىم دەل بىڭتۇەن روھىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىدىن بولغان. مەيلى نېمە خىزمەت قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، پۇختا - ئەستايىدىل بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، ھېرىش - چارچاشتىن قورقماي، خالىس ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلىسەكلا، پارتىيەگە يۈز كېلەلەيمىز، ۋىجدانىمىزغا يۈز كېلەلەيمىز» دېدى شاۋ شۈپېڭ.

بۇ ئىككى كۈندە، باش شۇجى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرغان مەنزىرە دائىم ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئېنىق نامايان بولدى. «شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ باش شۇجىغا دەيدىغان نۇرغۇن سۆزۈم بار ئىدى، لېكىن بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم...» شاۋ شۈپېڭ مۇنداق دېدى: تېخىمۇ گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، باش شۇجىغا دوكلات قىلىمەن.

شاۋ شۈپېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى مېنى تېخىمۇ كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. «مەن پارتىيە ئەزاسى، پارتىيە مېنى تەربىيەلىدى، بىڭتۇەن روھى ماڭا مەدەت بولماقتا، مەن نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرىمەن.» شاۋ شۈپېڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ ياش بىڭتۇەن روھىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە، قىزغىن قۇرۇلۇشقا ئاتلىنىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى، «بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، بىڭتۇەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قۇملۇقتىكى توغراق كەبى قەيسەرلىك بىلەن يىلتىز تارتىپ، يېڭى تەرەققىيات مۆجىزىسىنى يارىتىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.