تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجى بىزگە بىر مەيدان قالتىس ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئۆتتى

− باش شۇجىنىڭ تەلىمىنى نەق مەيداندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان شىنجاڭ داشۆ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىنى زىيارەت

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ داشۆنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسىدا، بىر مەيدان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە جەمئىيەت تەكشۈرۈش تەتقىقات تۈرى مۇھاكىمە يىغىنى ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.

تۇيۇقسىز سىنىپنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك ھاياجانلانغان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن چاۋاك چالدى: «باش شۇجى، ياخشىمۇسىز!»

بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئۈچ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ھەم تولۇق كۇرستا، ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان سەككىز ئوقۇغۇچى بار ئىدى. شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ 4 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى گۈزەلنۇر يۈسۈپ ئالدىنقى مەزگىلدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان قومۇل كەشتىچىلىكى توغرىسىدىكى ئەھۋالنى دوكلات قىلدى، شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى گاۋ جىن بولسا قاراماي شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ئەھۋالنى ئورتاقلاشتى. باش شۇجى بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ پىكىر ئالماشتۇردى، نەق مەيدان كەيپىياتى ئىنتايىن قىزغىن بولدى.

«مەن بۇ يىل داشۆنىڭ 4 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتىمەن، شىنجاڭ داشۆنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم. باش شۇجىغا ئۆزۈمنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى دوكلات قىلىش بەختىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم» دېدى گۈزەلنۇر ھاياجانلانغان ھالدا.

شۇ كۈندىكى مۇھاكىمە ئاساسلىقى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلدى. باش شۇجى بۇنى بىلگەندىن كېيىن تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلىشىشى دۆلىتىمىزنىڭ بىر روشەن ئالاھىدىلىكى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن ئىجادىي بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر باراۋەرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئورناتتۇق، ھەرقايسى مىللەتلەر سوتسىيالىزم تۈزۈمى شارائىتىدا ھەقىقىي مەنىدىكى باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. بىزنىڭ مىللەت نەزەرىيەمىز ۋە سىياسىتىمىز ياخشى، ئۈنۈملۈك بولدى.

«باش شۇجى مىسال كەلتۈرۈش ۋە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بىزنى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» بازا مۇتەخەسسىسى مېڭ نەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، بىزگە ئىنتايىن چوڭقۇر بىر داۋلىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى، باش شۇجى بىزگە بىر مەيدان قالتىس ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئۆتتى.

بازا مۇتەخەسسىسى جاڭ جيافېيمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپچىلىك ئادەتتە باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەڭ كۆپ ئۆگىنىدۇ. «بۇ قېتىم بىز باش شۇجىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ تەلىمىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدۇق.» جاڭ جيافېي مۇنداق دېدى: باش شۇجى خۇددى ئادەتتە بىزگە دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىغا، يەنە ئائىلىمىزدىكى مويسىپىتكە ئوخشايتتى، پىكىر ئالماشتۇرغاندا كەيپىيات ناھايىتى ئىناق بولدى.

ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەندە ھەقىقىي بىلىم ئىگىلىگىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقاتىدا جەمئىيەت تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى ئىنتايىن مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇ شۆيۈەننىڭ دوكتور ئاسپىرانتى ۋاڭ يىخۇامۇ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا جەمئىيەت تەكشۈرۈشنىڭ نەزەرىيە تەتقىقاتىغا بولغان مۇھىملىقىنى ھېس قىلدى.

«مەن ئاسپىرانتلىقنى شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. بىر نەچچە يىللىق جەمئىيەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەن شىنجاڭ تۇپرىقىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېنىق ھېس قىلدىم.» ۋاڭ يىخۇا مۇنداق قارىدى: جەمئىيەت تەكشۈرۈش نەزەرىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى، نەزەرىيەنى ئاساسىي قاتلامغا ئېلىپ بېرىپ، جەمئىيەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھادىسىلەرنى كۆزىتىپ، ئاندىن يەنە نەزەرىيەگە قايتىپ كېلىپ، باغلىنىشنى رەتلەپ، قانۇنىيىتىنى يەكۈنلەپ، نەزەرىيەنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، مىللەت كۆپ بولۇپ، ناھايىتى ياخشى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. «مەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنى تونۇش، شىنجاڭنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن» دېدى ۋاڭ يىخۇا.

ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بازا مۇتەخەسسىسى ياڭ لى قانداق قىلغاندا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسكە سىڭدۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، دەرسنى چوڭقۇر، ئېنىق سۆزلىگىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى ئەڭ كۆپ ئويلايدۇ.

ئۇ مۇنداق قارىدى: ئاساسىي قاتلامدىكى جانلىق مىساللارنى خۇلاسىلەش، تاللاش ئارقىلىق دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىش دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ جانلىق، تەسىرلىك قىلىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى دەرسخانىدا شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

بىر مەيدان ئۇنتۇلغۇسىز، ئالاھىدە بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئاخىرلاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، قانداق قىلغاندا باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك داشۆنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش شىنجاڭ داشۆ، ھەتتا شىنجاڭدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەر ياخشى ئورۇنداشقا تېگىشلىك تاپشۇرۇق بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.