تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سەمىمىي غەمخورلۇق قەلبلەرنى ئىللىتتى، غايەت زور ئىلھام كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

7 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. بۇ خۇشاللىق خەۋىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تېز تارقالدى، ھەر مىللەت ئامما بەختكە، ھاياجانغا چۆمدى.

باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، سەمىمىي تاپشۇرۇقى يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، غەيرىتىمىزنى ئۇرغۇتتى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى غايەت زور قىزغىنلىق ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

«باش شۇجى، بىز سىزنى ھۆرمەتلەيمىز»

«باش شۇجى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن قەلبداش» «كۆزلىرىمىز ئىسسىق ياشقا تولدى، بىر ئۆمۈر ئېسىمىزدە ساقلايمىز، باش شۇجى، بىز سىزنى ھۆرمەتلەيمىز»... بۇ بىر نەچچە كۈندە، غۇلجا ناھىيەسى ئونيار بازىرىنىڭ بۇلۇكەي كەنتىدە «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى مەمەتجان ئۆمەر كەنتتىكى يۇرتداشلار بىلەن چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدىكى سىنلىق خەۋەرنى قايتا - قايتا كۆردى.

«ھەر بىر جايغا بارغاندا، باش شۇجى كادىرلار، ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، كۆرۈنۈشتىكى ئۇزاققىچە داۋاملاشقان ئالقىش سادالىرى، چاۋاك سادالىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ داھىينى ھىمايە قىلىدىغانلىقى ۋە ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى نامايان قىلدى» دېدى مەمەتجان ئۆمەر ھاياجانلانغان ھالدا.

بۇلۇكەي كەنتى ئىلگىرى نامرات كەنت، قەرزى بار كەنت ئىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ كەنت ھەممە ئائىلىدە كەسىپ بار، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولغان باي كەنتكە، مەدەنىي كەنتكە ئايلاندى. «ياخشى كۈنگە ئېرىشتۇق، يۇرتداشلار چىن كۆڭلىدىن باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ!» كەنتتىكى «پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەمەتجان ئۆمەر قەتئىي ھالدا مۇنداق بىلدۈردى: تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمىز، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز، كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشىپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز.

«سىنلىق خەۋەردە، باش شۇجى بارغانلىكى يېرىدە ھەر مىللەت ئامما يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ قارشى ئالدى، بەزىلەر ھەتتا خۇشاللىقىدىن كۆزلىرىگە ياش ئالدى، مەنمۇ ئوخشاش ھېسسىياتتا بولدۇم.» قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرى چىغانلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خەن لىجۈن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىغانلىق كەنتى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجېن بازىرى»دىن ئىبارەت بۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئەسلىدىكى كونا ھويلا - ئارانلىرىدىن ئاقىللاشقان فېڭشياڭ ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كەلدى، تۇرمۇش سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستى.

«بېيىش يولىمىز بارغانسېرى كېڭەيدى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ باش شۇجىغا بەكلا رەھمەت ئېيتقۇسى بار!» خەن لىجۈن مۇنداق دېدى: «يۇرتقا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەربىر كەنت ئاھالىسىگە چىن كۆڭلۈمدىن مۇلازىمەت قىلىپ، <ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان> ئىشلارنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، ياشلىق كۈچۈم ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىمەن».

بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئالەي سادىرجان كورلا شەھىرىنىڭ يېزا - كەنتلىرىدە يازلىق تەتىللىك جەمئىيەت ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىۋاتاتتى، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىق خەۋىرى ئۇنى ۋە ساۋاقداشلىرىنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى.

«باش شۇجى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تۇنجى بېكەتتە شىنجاڭ داشۆگە كەلگەنلىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىز ياش ئوقۇغۇچىلارغا بولغان چوڭقۇر كۆيۈنۈشىنى نامايان قىلدى.» ئالەي مۇنداق بىلدۈردى: بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەخسىي غايە - ئىنتىلىشىمىزنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغان بىر ئەۋلاد ياشلاردىن بولىمىز.

سەمىمىي تاپشۇرۇقنى قەلبىمىزدە چىڭ ساقلايمىز

7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، قىزغىن ئالقىش ساداسى شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزىيىنىڭ 1 - قەۋەت زالىدا ياڭرىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەردە بىڭتۇەندىكى پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد قۇرغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

«ھاياجانلاندۇق! تەسىرلەندۇق! باش شۇجى شۇنداق خۇشخۇي ۋە يېقىملىق ئىكەن، ئۇ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ھەربىيلەرنىڭ غېمىنى يەپ كەلدى، بىڭتۇەننىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، بىزنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىمىز ئەرزىيدۇ.» شۇ چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ، 84 ياشلىق زوۋ مېييۈنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەنلىكلەر ياراتقان ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ قىممەتلىك بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۆرۈش مېنىڭ ئۆمۈرلۈك شان - شەرىپىم! باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلايمەن.» شىخەنزە داشۆنىڭ پىروفېسسورى جاڭ رويۈ مۇنداق دېدى: بىڭتۇەندىكى ياش قۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىڭتۇەن روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بۇرچۇمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ دۆلەت ئۈچۈن يېزا ئىگىلىك ماشىنا جابدۇقلىرى بويىچە ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ كۆپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاختا كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى رەقەملەشكەن تېخنىكا ۋە جابدۇق پەن تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەھەللە خىزمىتى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە باغلىنىشلىق، مەھەللە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەپ، ھەر مىللەت ئاھالىنىڭ ئويلىغىنى، ئۈمىدى، تەقەززاسىغا زىچ يېقىنلىشىپ، كۆپچىلىككە ياردەملىشىپ ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى چاپچال بازىرى قىزىل ئانار مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جۇ پېڭبو مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەھەللە خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىق ۋە ئىلتىماس - تەلىپىنى ياخشى ھەل قىلىپ، كۆپچىلىككە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلدۇرىمىز».

بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى 25 مىليون تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالدىغا قاراپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى.

«باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشتا ئەڭ مۇھىمى كىشىلەر قەلبى.» شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قەشقەر چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى تاشقورغان چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ئادىل ئابلىمىت مۇنداق دېدى: مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيەدە تاۋلىنىش، سىياسىيدا چېنىقىش، ئەمەلىيەتتە چېنىقىش ۋە كەسىپتە چېنىقىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ چېگراسىنى ياخشى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

ئالاتاۋ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، پورت باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زورۇللا مۇنداق دېدى: بىز پورت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يادرولۇق تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالاتاۋنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى مۇھىم تۈگۈن ۋە سۇپا قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

«بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، يېزا - كەنتلەر ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىش، دېھقانلار باي - باياشات بولۇشتىن ئىبارەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقىمىز» دېدى شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋەن پېڭچېڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

يېشىل ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى بەرپا قىلىشتا، شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن - تېخنىكا گۇرۇھى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان يول ئاچتى. بۇ گۇرۇھنىڭ باش مۇدىرى چېن گاڭلياڭ مۇنداق بىلدۈردى: گۇرۇھىمىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، بىيو دورا ياساش، مەدەنىيەت - ساياھەت، تۆگە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى سېلىنمىنى زورايتىپ، كەسىپنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدۇ.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يۈنمېي، فەن چيۇڭيەن، مېھرىگۈل غوپۇر، گو لىڭ، جاڭ جىلى، جاۋ شىيا، ۋاڭ نا، جاڭ تىڭ، ما يىنىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى نا)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.